< زەبۇر 51 >

نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي؛ بۇ [كۈي] ناتان پەيغەمبەر ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنى بات-شېبا بىلەن بولغان زىناخورلۇقى توغرۇلۇق ئەيىبلىگەندىن كېيىن يېزىلغان: ــ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ بىلەن، ئى خۇدا، ماڭا مېھىر-شەپقەت كۆرسەتكەيسەن! رەھىمدىللىقلىرىڭنىڭ كۆپلۈكى بىلەن ئاسىيلىقلىرىمنى ئۆچۈرۈۋەتكەيسەن! 1
مېنى قەبىھلىكىمدىن يىلتىزىمغىچە يۇۋەتكەيسەن، گۇناھىمدىن مېنى تازىلىغايسەن. 2
چۈنكى مەن ئاسىيلىقلىرىمنى تونۇپ ئىقرار قىلدىم؛ گۇناھىم ھەمىشە كۆز ئالدىمدا تۇرىدۇ. 3
سېنىڭ ئالدىڭدا، پەقەت سېنىڭ ئالدىڭدىلا گۇناھ ئۆتكۈزۈپ، نەزىرىڭدە رەزىل بولغان ئىشنى سادىر قىلدىم؛ شۇ ۋەجىدىن، سەن [مېنى ئەيىبلەپ] سۆزلىسەڭ، ئادىللىقىڭ ئىسپاتلىنىدۇ؛ [مېنى] سوراق قىلغىنىڭدا، ئۆزۈڭنىڭ پاكلىقى ئىسپاتلىنىدۇ. 4
مانا، مەن تۇغۇلغىنىمدىلا، يامانلىقتا ئىدىم، ئانامنىڭ قارنىدا پەيدا بولغىنىمدىلا مەن گۇناھتا بولدۇم. 5
بەرھەق، سەن ئادەملەرنىڭ چىن قەلبىدىن سەمىمىيلىك تەلەپ قىلىسەن؛ ئىچىمدىكى يوشۇرۇن جايلىرىمدا سەن ماڭا دانالىقنى بىلدۈرىسەن. مېنى گۇناھلىرىمدىن زوفا بىلەن تازىلىغايسەن، ھەم مەن پاك بولىمەن؛ مېنى پاكپاكىز يۇغايسەن، مەن قاردىنمۇ ئاق بولىمەن. ماڭا شاد-خۇرام ئاۋازلارنى ئاڭلاتقايسەن؛ شۇنىڭ بىلەن سەن ئەزگەن ئۇستىخانلىرىم يەنە شادلىنىدۇ. 6
مېنى [گۇناھلىرىمدىن] زوفا بىلەن تازىلىغايسەن، ھەم مەن پاك بولىمەن؛ مېنى پاكپاكىز يۇغايسەن، مەن قاردىنمۇ ئاق بولىمەن. 7
ماڭا شاد-خۇرام ئاۋازلارنى ئاڭلاتقايسەن؛ شۇنىڭ بىلەن سەن ئەزگەن ئۇستىخانلىرىم يەنە شادلىنىدۇ. 8
گۇناھلىرىمدىن چىرايىڭنى يوشۇرۇپ، يامانلىقلىرىمنى ئۆچۈرىۋەتكەيسەن. 9
مەندە پاك قەلب ياراتقايسەن، ئى خۇدا؛ ۋۇجۇمدىكى سادىق روھىمنى يېڭىلىغايسەن. 10
مېنى ھۇزۇرۇڭدىن چىقىرىۋەتمىگەيسەن؛ مېنىڭدىن مۇقەددەس روھىڭنى قايتۇرۇۋالمىغايسەن. 11
ئاھ، نىجاتلىقىڭدىكى شادلىقنى ماڭا يېڭىباشتىن ھېس قىلدۇرغايسەن؛ ئىتائەتمەن روھ ئارقىلىق مېنى يۆلىگەيسەن. 12
بۇنىڭ بىلەن مەن ئىتائەتسىزلەرگە يوللىرىڭنى ئۆگىتەي، ۋە گۇناھكارلار يېنىڭغا قايتىدۇ. 13
قان تۆكۈش گۇناھىدىن مېنى قۇتۇلدۇرغايسەن، ئى خۇدا، ماڭا نىجاتلىق بەرگۈچى خۇدا، شۇنىڭ بىلەن تىلىم ھەققانىيلىقىڭنى ياڭرىتىپ كۈيلەيدۇ. 14
ئى رەببىم، لەۋلىرىمنى ئاچقايسەن، ئاغزىم مەدھىيىلىرىڭنى بايان قىلىدۇ. 15
چۈنكى سەن قۇربانلىقنى خۇش كۆرمەيسەن؛ بولمىسا سۇنار ئىدىم؛ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلاردىنمۇ خۇرسەنلىك تاپمايسەن. 16
خۇدا قوبۇل قىلىدىغان قۇربانلىقلار سۇنۇق بىر روھتۇر؛ سۇنۇق ۋە ئېزىلگەن قەلبنى سەن كەمسىتمەيسەن، ئى خۇدا؛ 17
شاپائىتىڭ بىلەن زىئونغا مېھرىبانلىقنى كۆرسەتكەيسەن؛ يېرۇسالېمنىڭ سېپىللىرىنى يېڭىباشتىن بىنا قىلغايسەن! 18
ئۇ چاغدا سەن ھەققانىيلىقتىن بولغان قۇربانلىقلاردىن، كۆيدۈرمە قۇربانلىقلاردىن، پۈتۈنلەي كۆيدۈرۈلگەن كۆيدۈرمە قۇربانلىقلاردىن خۇرسەنلىك تاپىسەن؛ ئۇ چاغدا ئادەملەر قۇربانگاھىڭغا بۇقا-ئۆكۈزلەرنى تەقدىم قىلىشىدۇ. 19

< زەبۇر 51 >