< زەبۇر 47 >

نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، كوراھنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن يېزىلغان كۈي: ــ بارلىق قوۋملار، خۇدانى ئالقىشلاڭلار! ئۇنىڭغا يۇقىرى ئاۋازىڭلار بىلەن خۇشاللىق تەنتەنىسىنى ياڭرىتىڭلار! 1
چۈنكى ھەممىدىن ئالىي بولغۇچى، پەرۋەردىگار، دەھشەتلىك ۋە ھەيۋەتلىكتۇر، پۈتكۈل جاھاننى سورىغۇچى بۈيۈك پادىشاھتۇر. 2
ئۇ بىزگە خەلقلەرنى بويسۇندۇرۇپ، بىزنى ئەل-مىللەتلەر ئۈستىگە ھاكىم قىلىدۇ. 3
ئۇ بىز ئۈچۈن مىراسىمىزنى تاللاپ، يەنى ئۆزى سۆيگەن ياقۇپنىڭ پەخرى بولغان زېمىننى بېكىتىپ بەردى. سېلاھ! 4
خۇدا تەنتەنە ساداسى ئىچىدە، پەرۋەردىگار سۇناي ساداسى ئىچىدە يۇقىرىغا كۆتۈرۈلدى؛ 5
خۇداغا ناخشا-كۈي ئېيتىڭلار، ناخشا-كۈي ئېيتىڭلار! پادىشاھىمىزغا ناخشا-كۈي ئېيتىڭلار، ناخشا-كۈي ئېيتىڭلار! 6
خۇدا پۈتكۈل جاھاننىڭ پادىشاھىدۇر؛ زېھنىڭلار بىلەن ئۇنىڭغا ناخشا-كۈي ئېيتىڭلار! 7
خۇدا ئەللەر ئۈستىدە ھۆكۈم سۈرىدۇ؛ ئۇ ئۆزىنىڭ پاك-مۇقەددەسلىكىنىڭ تەختىدە ئولتۇرىدۇ. 8
ئەل-يۇرتلارنىڭ كاتتىلىرى جەم بولۇپ، ئىبراھىمنىڭ خۇداسىنىڭ خەلقىگە قوشۇلدى؛ چۈنكى جاھاندىكى بارلىق قالقانلار خۇداغا تەۋەدۇر؛ ئۇ نەقەدەر ئالىيدۇر! 9

< زەبۇر 47 >