< زەبۇر 44 >

نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، كوراھنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن يېزىلغان «ماسقىل»: ــ ئى خۇدا، ئۆز قۇلاقلىرىمىز بىلەن ئاڭلىدۇق، ئاتىلىرىمىز بىزگە بايان قىلىپ، ئۆز كۈنلىرىدە، يەنى قەدىمكى زامانلاردا سېنىڭ قىلغان زور ئىشلىرىڭنى ئۇقتۇرغانىدى؛ 1
למנצח לבני קרח משכיל אלהים באזנינו שמענו אבותינו ספרו לנו פעל פעלת בימיהם בימי קדם׃
سەن [ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ ئالدىدا] ئۆز قولۇڭ بىلەن يات ئەللەرنى قوغلىۋېتىپ، ئۇلارنىڭ [زېمىنىغا ئاتا-بوۋىلىرىمىزنى] ئورۇنلاشتۇردۇڭ؛ يات قوۋملارغا ئاپەت چۈشۈرۈپ، ئۇلارنى تارقىتىۋەتتىڭ. 2
אתה ידך גוים הורשת ותטעם תרע לאמים ותשלחם׃
بەرھەق، بوۋىلىرىمىز زېمىننى ئۆز قىلىچى بىلەن ئالغىنى يوق، ئۆز بىلىكى بىلەن ئۆزلىرىنى قۇتقۇزغىنىمۇ يوق؛ بۇ بەلكى سېنىڭ ئوڭ قولۇڭ، سېنىڭ بىلىكىڭ ۋە جامالىڭنىڭ نۇرىنىڭ قىلغىنىدۇر؛ چۈنكى سەن ئۇلاردىن خۇرسەنلىك تاپتىڭ. 3
כי לא בחרבם ירשו ארץ וזרועם לא הושיעה למו כי ימינך וזרועך ואור פניך כי רציתם׃
سەن ئۆزۈڭ مېنىڭ پادىشاھىمدۇرسەن، ئى خۇدا، سەن ياقۇپ ئۈچۈن غەلىبىلەر بۇيرۇغۇچىدۇرسەن. 4
אתה הוא מלכי אלהים צוה ישועות יעקב׃
سەن ئارقىلىق بىز رەقىبلىرىمىزنى ھەيدىۋېتىمىز؛ نامىڭ بىلەن ئۆزىمىزگە قارشى تۇرغانلارنى چەيلەيمىز؛ 5
בך צרינו ננגח בשמך נבוס קמינו׃
چۈنكى ئۆز ئوقيايىمغا تايانمايمەن، قىلىچىممۇ مېنى قۇتقۇزالمايدۇ. 6
כי לא בקשתי אבטח וחרבי לא תושיעני׃
چۈنكى سەن بىزنى رەقىبلىرىمىزدىن قۇتقۇزدۇڭ، بىزگە ئۆچ بولغانلارنى يەرگە قاراتتىڭ. 7
כי הושעתנו מצרינו ומשנאינו הבישות׃
خۇدانى كۈن بويى ئىپتىخارلىنىپ ماختايمىز؛ نامىڭنى ئەبەدىلئەبەدگىچە مەدھىيىلەيمىز. سېلاھ! 8
באלהים הללנו כל היום ושמך לעולם נודה סלה׃
بىراق سەن [ھازىر] بىزنى تاشلاۋېتىپ ئاھانەتكە قالدۇردۇڭ؛ قوشۇنلىرىمىز بىلەن جەڭگە بىللە چىقمايسەن. 9
אף זנחת ותכלימנו ולא תצא בצבאותינו׃
سەن رەقىبلىرىمىز ئالدىدا بىزنى چېكىندۈردۈڭ؛ بىزنى ئۆچمەنلەرگە خالىغانچە تالان-تاراج قىلدۇردۇڭ. 10
תשיבנו אחור מני צר ומשנאינו שסו למו׃
سويۇشقا تاپشۇرۇلغان قويلاردەك، بىزنى ئۇلارغا تاپشۇردۇڭ، ئەللەر ئارىسىغا بىزنى تارقىتىۋەتتىڭ. 11
תתננו כצאן מאכל ובגוים זריתנו׃
سەن ئۆز خەلقىڭنى بىكارغا سېتىۋەتتىڭ، ئۇنىڭ قىممىتىدىن ئۆزۈڭ ھېچ بېيىپ كەتمىدىڭ؛ 12
תמכר עמך בלא הון ולא רבית במחיריהם׃
سەن بىزنى قوشنا ئەللەرنىڭ مەسخىرىسىگە قالدۇرغانسەن؛ ئەتراپىمىزدىكىلەرگە ئاھانەت، زاڭلىق ئوبيېكتى قىلدىڭسەن. 13
תשימנו חרפה לשכנינו לעג וקלס לסביבותינו׃
سەن بىزنى ئەللەر ئارىسىدا سۆز-چۆچەككە قويدۇڭسەن، يات قوۋملار بىزگە باش چايقىشىپ قاراشماقتا. 14
תשימנו משל בגוים מנוד ראש בל אמים׃
مەسخىرە ھەم كۇپۇرلۇق ئېيتقۇچىلارنىڭ ئاۋازى تۈپەيلىدىن، دۈشمەنلەر ۋە ئۆچ ئالغۇچىلار تۈپەيلىدىن، كۈن بويى ئۇياتىم ئالدىمدىن كەتمەيدۇ، يۈزۈمنىڭ نومۇسى مېنى چىرمىۋالدى. 15
כל היום כלמתי נגדי ובשת פני כסתני׃
16
מקול מחרף ומגדף מפני אויב ומתנקם׃
مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى بېشىمىزغا چۈشتى؛ بىراق بىز سېنى ئۇنتۇمىدۇق، ياكى ئەھدەڭگە ھېچ ئاسىيلىق قىلمىدۇق؛ 17
כל זאת באתנו ולא שכחנוך ולא שקרנו בבריתך׃
قەلبىمىز ھېچ يانمىدى، ساڭا ساداقەتسىزلىك قىلمىدۇق، قەدەملىرىمىز يولۇڭدىن ھېچ ئېزىپ كەتمىدى. 18
לא נסוג אחור לבנו ותט אשרינו מני ארחך׃
بىراق سەن بىزنى چىلبۆرىلەر ماكانىدا ئەزدىڭ، بىزگە ئۆلۈم سايىسىنى چاپلاشتۇردۇڭ. 19
כי דכיתנו במקום תנים ותכס עלינו בצלמות׃
ئەگەر بىز خۇدايىمىزنىڭ نامىنى ئۇنتۇغان بولساق، ياكى يات بىر ئىلاھقا قول كۆتۈرگەن بولساق، 20
אם שכחנו שם אלהינו ונפרש כפינו לאל זר׃
خۇدا سەن چوقۇم بۇنى سۈرۈشتە قىلماس ئىدىڭمۇ، قەلبتىكى سىرلارنى بىلىپ تۇرىدىغان تۇرساڭ؟ 21
הלא אלהים יחקר זאת כי הוא ידע תעלמות לב׃
بىراق سەن تۈپەيلى بىز كۈن بويى قىرىلماقتىمىز؛ بوغۇزلىنىشنى كۈتۈپ تۇرغان قويلار كەبى ھېسابلانماقتىمىز. 22
כי עליך הרגנו כל היום נחשבנו כצאן טבחה׃
ئويغان، ئى رەب! نېمىشقا ئۇخلاپ ياتىسەن؟ ئورنۇڭدىن تۇر، بىزنى مەڭگۈگە تاشلاۋەتمىگەيسەن! 23
עורה למה תישן אדני הקיצה אל תזנח לנצח׃
نېمىشقا يۈزۈڭنى بىزدىن يوشۇرىسەن؟ نېمىشقا كۈلپەتلىرىمىزگە، ئۇچرىغان زۇلۇملىرىمىزغا پىسەنت قىلمايسەن؟ 24
למה פניך תסתיר תשכח ענינו ולחצנו׃
قارىغىنا، جېنىمىز تۇپراقتا بېغىرلاپ يۈرىدۇ؛ تېنىمىز يەرگە چاپلاشتى؛ 25
כי שחה לעפר נפשנו דבקה לארץ בטננו׃
ئورنۇڭدىن تۇرۇپ بىزگە ياردەمدە بولغايسەن! ئۆزۈڭنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ سەۋەبىدىن، بىزلەرنى ھۆرلۈككە چىقارغايسەن! 26
קומה עזרתה לנו ופדנו למען חסדך׃

< زەبۇر 44 >