< زەبۇر 43 >

ئى پەرۋەردىگار، مەن توغرۇلۇق ھۆكۈم چىقارغايسەن، دەۋايىمنى ئەقىدىسىز بىر خەلق ئالدىدا سورىغايسەن؛ مېنى ھىيلىگەر ھەم قەبىھ ئادەمدىن قۇتۇلدۇرغايسەن. 1
چۈنكى سەن پاناھگاھىم بولغان خۇدادۇرسەن؛ نېمىشقا مېنى تاشلاۋەتكەنسەن؟ نېمىشقا دۈشمەننىڭ زۇلۇمىغا ئۇچراپ، ھەمىشە ئازاب چېكىپ يۈرىۋاتىمەن؟» ــ دەيمەن. 2
ئۆز ھەقىقىتىڭ ۋە نۇرۇڭنى ئەۋەتكىن، ئۇلار مېنى يېتەكلىگەي! مېنى مۇقەددەس تېغىڭغا، ماكانىڭغا ئېلىپ كەلگەي! 3
شۇنىڭ بىلەن مەن خۇدانىڭ قۇربانگاھى ئالدىغا باراي، يەنى مېنىڭ چەكسىز خۇشلۇقۇم بولغان تەڭرىنىڭ يېنىغا باراي؛ بەرھەق، چىلتار چېلىپ سېنى مەدھىيىلەيمەن، ئى خۇدا، مېنىڭ خۇدايىم! 4
ئى جېنىم، سەن نېمىشقا بۇنداق قايغۇرىسەن؟ نېمىشقا ئىچىمدە بۇنداق بىئارام بولۇپ كېتىسەن؟ خۇداغا ئۈمىد باغلا! چۈنكى مەن ئۇنى يەنىلا مەدھىيىلەيمەن، يەنى چىرايىمغا سالامەتلىك، نىجاتلىق ئاتا قىلغۇچى خۇدايىمنى مەدھىيىلەيمەن! 5

< زەبۇر 43 >