< زەبۇر 42 >

نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، كوراھنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن يېزىلغان «ماسقىل»: ــ كېيىك ئېرىقلاردىكى سۇغا تەشنا بولغاندەك، جېنىم ساڭا تەشنادۇر، ئى خۇدا. 1
BOOK SECOND: “To the chief musician, a Maskil, for the sons of Korach.” As a hart panteth after brooks of water, so panteth my soul after thee, O God.
مېنىڭ جېنىم خۇداغا، ھايات تەڭرىگە ئىنتىزاردۇر؛ ئاھ، مەن قاچانمۇ خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا كۆرۈنۈشكە مۈيەسسەر بولىمەن؟ 2
My soul thirsteth for God, for the living God: when shall I go [again] and be seen in the presence of God?
مېنىڭ كېچە-كۈندۈز يېگىنىم كۆز ياشلىرىم بولۇپ كەلگەن؛ خەقلەر كۈن بويى مەندىن: «خۇدايىڭ قەيەردە؟» دەپ سورايدۇ. 3
My tears have been my food day and night; because men say unto me all the day, Where is thy God?
ئۆتكەن كۈنلەرنى ئەسلەپ، جېنىمنىڭ دەردلىرىنى تۆكۈۋاتىمەن (مەن كۆپچىلىك بىلەن كېتىۋېتىپ، خۇدانىڭ ئۆيىگە تەنتەنە قىلىپ مېڭىپ، خۇشاللىقتا ھەمدۇسانا ئوقۇپ، ناخشا ئېيتىپ، ھېيتنى تەبرىكلىگەن توپ-توپ قوشۇندەك، جامائەت بىلەن بىللە باراتتىم!). 4
These things will I remember, and pour out my soul in me: how I was wont to pass along amidst the multitude, journeying with them as a pilgrim to the house of God, with the voice of joyful song and thanksgiving, among the festive throng.
ــ ئى جېنىم، سەن تېنىمدە نېمىشقا بۇنداق قايغۇرىسەن؟ نېمىشقا ئىچىمدە بۇنداق مەيۈسلىنىپ كەتتىڭ؟ خۇداغا ئۈمىد باغلا؛ چۈنكى ئۇنىڭ جامالىدىن چىققان نىجاتلىقتىن، مەن ئۇنى يەنىلا ئۇلۇغلايمەن، ــ مېنىڭ خۇدايىمنى! 5
Why art thou cast down, O my soul, and disquieted in me? Hope thou in God; for I shall yet thank him, because of the salvation of his countenance.
جېنىم ئىچىمدە مەيۈسلىنىپ كەتتى؛ شۇڭا مەن سېنى سېغىنىمەن؛ ھەتتا مۇساپىرلىقتا ئىئوردان دەرياسى بويىدىكى ۋادىلاردا، ھەرمون تاغلىرىدا، مىزار تېغىدىمۇ سېنى سېغىنىمەن. 6
O my God, my soul is cast down within me: therefore will I remember thee from the land of the Jordan, and from the peaks of Chermon, from the low mount.
سېنىڭ شارقىراتمىلىرىڭنىڭ ئاۋازلىرىغا، چوڭقۇر ھاڭ بىلەن چوڭقۇر ھاڭ ماسلىشىپ ھۆركىرىمەكتە. سېنىڭ ھەممە دولقۇنلىرىڭ ھەم قاينام-تاشقىنلىرىڭ مېنى غەرق قىلدى. 7
Deep calleth unto deep at the noise of thy waterfalls: all thy waves and thy billows have passed over me.
كۈندۈزى پەرۋەردىگار ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىنى [ماڭا] بۇيرۇيدۇ، كېچىلىرى ئۇنىڭ ناخشىسى، ۋە ھەم ھاياتىم بولغان تەڭرىگە قىلغان دۇئا ماڭا ھەمراھ بولىدۇ. 8
In the daytime the Lord will command his kindness, and in the night his song shall be with me, as a prayer unto the God of my life.
مەن قورام تېشىم بولغان خۇداغا: ــ «مېنى نېمىشقا ئۇنتۇپ قالدىڭ؟ مەن نېمىشقا دۈشمەننىڭ زۇلۇمىغا ئۇچراپ، ھەمىشە ئازاب چېكىپ يۈرۈۋاتىمەن؟» ــ دەيمەن. 9
I will say unto God, my rock, why hast thou forgotten me? why must I walk grieved, under the oppression of the enemy?
سۆڭەكلىرىمنى ئەزگەندەك رەقىبلىرىم مېنى مەسخىرە قىلىپ ئەيىبلەيدۇ؛ ئۇلار كۈن بويى مەندىن: «خۇدايىڭ قەيەردە؟» ــ دەپ سورىماقتا. 10
It is as death in my bones, when my assailants reproach me; when they say unto me all the day, Where is thy God?
ئى جېنىم، تېنىمدە نېمىشقا بۇنداق قايغۇرىسەن؟ نېمىشقا ئىچىمدە بۇنداق مەيۈسلىنىپ كەتتىڭ؟ خۇداغا ئۈمىد باغلا؛ چۈنكى مەن ئۇنى يەنىلا مەدھىيىلەيمەن، يەنى چىرايىمغا سالامەتلىك، نىجاتلىق ئاتا قىلغۇچى خۇدايىمنى مەدھىيىلەيمەن! ئۇ مېنىڭ خۇدايىمدۇر! 11
Why art thou cast down, O my soul? and why art thou disquieted within met? Hope thou in God; for I shall yet thank him, the salvation of my countenance, and my God.

< زەبۇر 42 >