< زەبۇر 41 >

نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ غېرىب-ئاجىزلارغا غەمخورلۇق قىلغان كىشى نەقەدەر بەختلىك-ھە! ئېغىر كۈنلەردە پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا پاناھ بولىدۇ. 1
پەرۋەردىگار ئۇنى قوغداپ، ئۇنى ئامان ساقلايدۇ؛ ئۇ زېمىندا تۇرۇپ بەختىيار ياشايدۇ؛ سەن ئۇنى دۈشمەنلىرىنىڭ ئىختىيارىغا چۈشۈرمەيسەن! 2
ئورۇن تۇتۇپ زەئىپلىشىپ ياتقىنىدا، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا دەرمان بولىدۇ؛ سەن ئۇنىڭ ياتقان ئورۇن-كۆرپىلىرىنى راسلاپ تۈزەشتۈرۈپ تۇرىسەن. 3
مەن ئىلتىجا قىلىپ: ــ «ئى پەرۋەردىگار، ماڭا مېھرىبانلىق كۆرسەتكەيسەن، جېنىمغا شىپالىق بەرگەيسەن؛ چۈنكى مەن ئالدىڭدا گۇناھ قىلدىم» ــ دېدىم. 4
دۈشمەنلىرىم مەن توغرۇلۇق: ــ «ئۇ قاچانمۇ ئۆلۈپ، نامى-نەسلى قۇرۇپ كېتەر؟» ــ دەپ ماڭا يامانلىق تىلەيدۇ. 5
بىرسى مېنى كۆرگىلى كەلگەن بولسا، ئۇ ئالدامچى سۆزلەرنى قىلىدۇ؛ ئۇلار كەينىمدىن كۆڭلىدە شۇملۇق توپلاپ، ئاندىن سىرتلارغا چىقىپ شۇ ئىشلارنى تارقىتىپ پو ئاتىدۇ؛ 6
ماڭا ئۆچ بولغانلارنىڭ ھەممىسى ماڭا قارىتا ئۆزئارا كۇسۇرلىشىدۇ، ئۇلار ماڭا زىيانكەشلىك قەستىدە بولىدۇ. 7
ئۇلار: «ئۇنىڭ بېشىغا جىن-شەيتاندىن بىر كېسەل چاپلاشتى؛ ئەمدى ئۇ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدى؛ ئۇ قايتىدىن تۇرالمايدۇ» ــ دېيىشىدۇ. 8
ھەتتا سىردىشىم دەپ ئىشەنگەن قەدىناس دوستۇم، مەن بىلەن ھەمداستىخان بولۇپ تۇزۇمنى يېگەنمۇ ماڭا پۇت ئاتتى. 9
بىراق سەن پەرۋەردىگار، ماڭا رەھىم قىلغايسەن؛ دۈشمەنلىرىمدىن ئىنتىقام ئېلىشقا، مېنى تۇرغۇزغايسەن؛ 10
دۈشمىنىمنىڭ ئۈستۈمدىن غەلىبە قىلىپ شادلانمىغىنىدىن، سېنى مەندىن سۆيۈنىدۇ، دەپ بىلىمەن. 11
بىراق ماڭا كەلسەك، دۇرۇس بولغانلىقىمدىن، سەن مېنى يۆلەيسەن؛ سەن مېنى مەڭگۈ ئۆز ھۇزۇرۇڭدا قەد كۆتۈرۈتكۈزۈپ تۇرغۇزىسەن. 12
ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا ئەبەدىلئەبەدگىچە تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇلغاي! ئامىن! ئامىن! 13

< زەبۇر 41 >