< زەبۇر 40 >

داۋۇت يازغان كۈي: ــ پەرۋەردىگارغا تەلمۈرۈپ، كۈتتۈم، كۈتتۈم؛ ئۇ ماڭا ئېگىلىپ پەريادىمنى ئاڭلىدى. 1
ئۇ مېنى ھالاكەت ئورىكىدىن، شۇنداقلا پاتقاق لايدىن تارتىۋالدى، پۇتلىرىمنى ئۇيۇلتاش ئۈستىگە تۇرغۇزۇپ، قەدەملىرىمنى مۇستەھكەم قىلدى. 2
ئۇ ئاغزىمغا يېڭى ناخشا-مۇناجاتنى، يەنى خۇدايىمىزنى مەدھىيىلەشلەرنى سالدى؛ نۇرغۇن خەلق بۇنى كۆرۈپ، قورقىدۇ، ھەم پەرۋەردىگارغا تايىنىدۇ. 3
تەكەببۇرلاردىن ياردەم ئىزدىمەيدىغان، يالغانچىلىققا ئېزىپ كەتمەيدىغان، بەلكى پەرۋەردىگارنى ئۆز تايانچىسى قىلغان كىشى بەختلىكتۇر! 4
ئى پەرۋەردىگار خۇدايىم، سېنىڭ بىز ئۈچۈن قىلغان كارامەتلىرىڭ ۋە ئوي-نىيەتلىرىڭنى بارغانسېرى كۆپەيتىپ، سان-ساناقسىز قىلغانسەن، كىممۇ ئۇلارنى بىر-بىرلەپ ھېسابلاپ ئۆزۈڭگە [رەھمەت قايتۇرۇپ] بولالىسۇن! ئۇلارنى سۆزلەپ باشتىن-ئاخىر بايان قىلاي دېسەم، ئۇلارنى ساناپ تۈگىتىش مۇمكىن ئەمەس. 5
نە قۇربانلىق، نە ئاش ھەدىيەلەر سېنىڭ تەلەپ-ئارزۇيۇڭ ئەمەس، بىراق سەن ماڭا [سەزگۈر] قۇلاقلارنى ئاتا قىلدىڭ؛ نە كۆيدۈرمە قۇربانلىق، نە گۇناھ قۇربانلىقىنى تەلەپ قىلمىدىڭ؛ 6
شۇڭا جاۋاب بەردىمكى ــ «مانا مەن كەلدىم!» ــ دېدىم. ئورام يازما دەستۇردا مەن توغرۇلۇق پۈتۈلگەن: ــ 7
«خۇدايىم، سېنىڭ كۆڭلۈڭدىكى ئىرادەڭ مېنىڭ خۇرسەنلىكىمدۇر؛ سېنىڭ تەۋرات قانۇنۇڭ قەلبىمگە پۈتۈكلۈكتۇر». 8
بۈيۈك جامائەت ئارىسىدا تۇرۇپ مەن ھەققانىيلىقنى جاكارلىدىم؛ مانا بۇلارنى ئۆزۈمدە قىلچە ئېلىپ قالغۇم يوقتۇر، ئى پەرۋەردىگار، ئۆزۈڭ بىلىسەن. 9
ھەققانىيلىقىڭنى قەلبىمدە يوشۇرۇپ يۈرمىدىم؛ ۋاپادارلىقىڭنى ۋە نىجاتلىقىڭنى جاكارلىدىم؛ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ ۋە ھەقىقىتىڭنى بۈيۈك جامائەتكە ھېچ يوشۇرماستىن بايان قىلدىم. 10
ئى پەرۋەردىگار، مېھرىبانلىقلىرىڭنى مەندىن ئايىمىغايسەن؛ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ ۋە ھەقىقىتىڭ ھەردائىم مېنى ساقلىغاي! 11
چۈنكى سانسىز كۈلپەتلەر مېنى ئورىۋالدى؛ قەبىھلىكلىرىم مېنى بېسىۋېلىپ، كۆرەلمەيدىغان بولدۇم؛ ئۇلار بېشىمدىكى چېچىمدىن كۆپ، جاسارىتىم تۈگىشىپ كەتتى. 12
مېنى قۇتقۇزۇشنى توغرا تاپقايسەن، ئى پەرۋەردىگار! ئى پەرۋەردىگار، تېز كېلىپ، ماڭا ياردەم قىلغايسەن! 13
مېنىڭ ھاياتىمغا چاڭ سالماقچى بولغانلار بىراقلا يەرگە قارىتىلىپ رەسۋا قىلىنسۇن؛ مېنىڭ زىيىنىمدىن خۇرسەن بولغانلار كەينىگە ياندۇرۇلۇپ شەرمەندە بولغاي. 14
مېنى: ــ «ۋاھ! ۋاھ!» دەپ مەسخىرە قىلغانلار ئۆز شەرمەندىلىكىدىن ئالاقزادە بولۇپ كەتسۇن! 15
بىراق سېنى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى سەندە شادلىنىپ خۇشال بولغاي! نىجاتلىقىڭنى سۆيگەنلەر ھەمىشە: «پەرۋەردىگار ئۇلۇغلانسۇن» دېيىشكەي! 16
مەن ئېزىلگەن ھەم يوقسۇل بولساممۇ، بىراق رەب يەنىلا مېنى ياد ئېتىدۇ؛ سەن مېنىڭ ياردەمچىم، مېنىڭ ئازاد قىلغۇچىم؛ ئى خۇدايىم، كېچىكمەي كەلگەيسەن! 17

< زەبۇر 40 >