< زەبۇر 4 >

نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، تارلىق سازلار بىلەن ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ مەن نىدا قىلغىنىمدا، ماڭا جاۋاب بەرگەيسەن، ئى ماڭا ھەققانىيلىقىم ئاتا قىلغۇچى خۇدا! بېسىم ئاستىدا قالغاندا سەن مېنى كەڭرىچىلىككە چىقاردىڭ؛ ماڭا مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، دۇئايىمنى ئاڭلا! 1
ئى ئىنسان بالىلىرى، سىلەر مېنىڭ شان-شەرىپىمنى قاچانغىچە ئاھانەتكە قالدۇرىسىلەر؟ قاچانغىچە بىھۇدىلىكنى سۆيۈپ، يالغاننى ئىزدەپ يۈرىسىلەر؟ سېلاھ. 2
بىراق شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، پەرۋەردىگار ئىخلاسمەنلەرنى ئۆزىگە خاس قىلغان؛ مەن ئۇنىڭغا نىدا قىلغىنىمدا، پەرۋەردىگار ئاڭلايدۇ. 3
ئاچچىقىڭلارغا بېرىلىپ، گۇناھ قىلماڭلار؛ ئۆز ئورنۇڭلاردا يېتىپ، قەلبىڭلاردا چوڭقۇر ئويلىنىپ، سۈكۈت قىلىڭلار. سېلاھ. 4
ھەققانىيلىق بىلەن قۇربانلىقلارنى قىلىڭلار، ۋە پەرۋەردىگارغا تايىنىڭلار. 5
كۆپ خەلق: ــ «كىم بىزگە ياخشىلىق كۆرسىتەلىسۇن؟» ــ دەپ سورىماقتا؛ جامالىڭنىڭ نۇرى ئۈستىمىزگە چۈشسۇن، ئى پەرۋەردىگار! 6
ئاشلىق ۋە يېڭى شارابلىرى مولچىلىق بولغانلارنىڭ خۇشاللىقىدىنمۇ، مېنىڭ قەلبىمنى بەكرەك خۇشاللىققا تولدۇردۇڭ. 7
مەن ياتاي، ھەم خاتىرجەملىكتە ئۇخلىۋالاي؛ چۈنكى مېنى بىخەتەرلىكتە ياشاتقۇچى پەقەتلا سەن، ئى پەرۋەردىگار! 8

< زەبۇر 4 >