< زەبۇر 38 >

داۋۇت يازغان كۈي: ــ (ئەسلىمە ئۈچۈن) ئى پەرۋەردىگار، غەزىپىڭدە تەنبىھ بەرمىگەيسەن، قەھرىڭدە مېنى جازالىمىغايسەن! 1
چۈنكى ئوقلىرىڭ مېنى زەخىملەندۈرۈپ سانجىدى، قولۇڭ ئۈستۈمدىن قاتتىق باستى. 2
قاتتىق غەزىپىڭ تۈپەيلىدىن ئەتلىرىمدە ھېچ ساقلىق يوق، گۇناھىم تۈپەيلىدىن ئۇستىخانلىرىمدا ئارام يوقتۇر. 3
چۈنكى گۇناھلىرىم بويۇمدىن تاشتى؛ ئۇلار كۆتۈرەلمىگۈسىز ئېغىر يۈكتەك مېنى بېسىۋالدى. 4
ئەخمەقلىقىمدىن جاراھەتلىرىم سېسىپ، شەلۋەرەپ كەتتى. 5
ئازابتىن بەللىرىم تولىمۇ پۈكۈلۈپ كەتتى، كۈن بويى غەمگە پېتىپ يۈرىمەن! 6
چاتىراقلىرىم ئوتقا تولدى، ئەتلىرىمنىڭ ساق يېرى يوقتۇر. 7
مەن تولىمۇ ھالسىراپ، ئېزىلىپ كەتتىم؛ قەلبىمدىكى ئازاب-قايغۇ تۈپەيلىدىن ھۆركىرەيمەن. 8
رەب، بارلىق ئارزۇيۇم كۆز ئالدىڭدىدۇر؛ ئۇھ تارتىشلىرىم سەندىن يوشۇرۇن ئەمەس؛ 9
يۈرىكىم جىغىلداپ، ھالىمدىن كەتتىم؛ كۆزلىرىمنىڭ نۇرى ئۆچتى. 10
يار-بۇرادەرلىرىممۇ مېنى ئۇرغان ۋابا تۈپەيلىدىن، ئۆزلىرىنى مەندىن تارتتى؛ يېقىنلىرىممۇ مەندىن يىراق قاچتى. 11
جېنىمنى ئالماقچى بولغانلار تۇزاق قۇرىدۇ؛ ماڭا زىياننى قەستلىگەنلەر زەھىرىنى چاچماقتا؛ ئۇلار كۈن بويى ھىيلە-مىكىرلەرنى ئويلىماقتا. 12
لېكىن مەن گاس ئادەمدەك ئاڭلىمايمەن، گاچا ئادەمدەك ئاغزىمنى ئاچمايمەن؛ 13
بەرھەق، مەن ئاڭلىيالمايدىغان گاسلاردەك بولۇپ قالدىم؛ ئاغزىمدا قىلىدىغان رەددىيە-تەنبىھ يوق. 14
چۈنكى ئۈمىدىمنى سەن پەرۋەردىگارغا باغلىدىم؛ رەب خۇدايىم، سەن ئىلتىجايىمغا ئىجابەت قىلىسەن. 15
چۈنكى مەن: ــ «ئۇلار مېنىڭ ئۈستۈمگە چىقىپ ماختانمىغاي؛ بولمىسا، پۇتلىرىم تېيىلىپ كەتكەندە، ئۇلار شادلىنىدۇ» ــ دېدىم مەن. 16
چۈنكى مەن دەلدەڭشىپ، تۈگىشەي دەپ قالدىم، ئازابىم كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ. 17
چۈنكى مەن ئۆز يامانلىقىمنى ئىقرار قىلىمەن؛ گۇناھىم ئۈستىدە قايغۇرىمەن. 18
لېكىن دۈشمەنلىرىم جۇشقۇن ھەم كۈچلۈكتۇر؛ قارا چاپلاپ، ماڭا نەپرەتلەنگەنلەرنىڭ سانى نۇرغۇندۇر. 19
ۋاپاغا جاپا قىلىدىغانلار بولسا، مەن بىلەن قارشىلىشىدۇ؛ چۈنكى مەن ياخشىلىقنى كۆزلەپ، ئىنتىلىمەن. 20
ئى پەرۋەردىگار، مەندىن ۋاز كەچمىگەيسەن! ئى خۇدايىم، مەندىن يىراقلاشمىغايسەن! 21
ئى رەب، مېنىڭ نىجاتلىقىم، ماڭا چاپسان ياردەم قىلغايسەن! 22

< زەبۇر 38 >