< زەبۇر 35 >

داۋۇت يازغان كۈي: ــ ئى پەرۋەردىگار، مەن بىلەن ئېلىشقانلار بىلەن ئېلىشقايسەن؛ ماڭا جەڭ قىلغانلارغا جەڭ قىلغايسەن! 1
قولۇڭغا سىپار ۋە قالقان ئالغىن؛ ماڭا ياردەمگە ئورنۇڭدىن تۇرغايسەن؛ 2
نەيزىنى سۇغۇرۇپ، مېنى قوغلاۋاتقانلارنىڭ يولىنى توسقايسەن؛ مېنىڭ جېنىمغا: «مەن سېنىڭ نىجاتلىقىڭدۇرمەن!» ــ دېگەيسەن! 3
مېنىڭ ھاياتىمغا چاڭ سالماقچى بولغانلار يەرگە قارىتىلىپ شەرمەندە بولغاي؛ ماڭا قەست ئەيلىگەنلەر كەينىگە ياندۇرۇلۇپ رەسۋا بولغاي. 4
ئۇلار گويا شامالدا ئۇچقان ساماندەك توزۇپ كەتكەي؛ پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇلارنى تارقىتىۋەتكەي! 5
ئۇلارنىڭ يولى قاراڭغۇ ۋە تېيىلغاق بولغاي، پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇلارنى قوغلىۋەتكەي! 6
چۈنكى ئۇلار ماڭا ئورۇنسىز ئورا-تۇزاق تەييارلىدى؛ جېنىمنى سەۋەبسىز ئېلىشقا ئۇلار ئۇنى كولىدى. 7
ھالاكەت تۇيدۇرماستىن ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشكەي، ئۆزى يوشۇرۇن قۇرغان تورغا ئۆزى چۈشكەي، ھالاكەتكە يىقىلغاي. 8
ئۇ چاغدا جېنىم پەرۋەردىگاردىن سۆيۈنىدۇ، ئۇنىڭ نىجاتلىق-قۇتقۇزۇشىدىن شادلىنىدۇ! 9
مېنىڭ ھەممە ئۇستىخانلىرىم: ــ «ئى پەرۋەردىگار، كىممۇ ساڭا تەڭداش كېلەلىسۇن؟» ــ دەيدۇ، ــ «سەن ئېزىلگەن مۆمىنلەرنى كۈچلۈكلەرنىڭ چاڭگىلىدىن، ئېزىلگەنلەر ھەم يوقسۇللارنى ئۇلارنى بۇلىغۇچىلاردىن تارتىۋېلىپ قۇتقۇزىسەن». 10
ياۋۇز، يالغان گۇۋاھچىلار قوپۇپ، خەۋىرىم بولمىغان گۇناھلار بىلەن ئۈستۈمدىن شىكايەت قىلماقتا. 11
ئۇلار مېنىڭ ياخشىلىقىمغا يامانلىق قىلىپ، مېنى پاناھسىز يېتىم قىلىپ قويغانىدى! 12
لېكىن مەن بولسام، ئۇلار كېسەل بولغاندا، بۆزنى يۆگەپ كىيىۋالدىم؛ ئۇلارنى دەپ روزا تۇتۇپ، ئۆزۈمنى تۆۋەن قىلدىم؛ ئەمدى دۇئايىم بولسا ھازىر باغرىمغا يېنىپ كەلدى! 13
مەن بۇ ئىشلاردىن دوست ياكى قېرىندىشىمنىڭ بېشىغا چۈشكەن ئىشقا ئوخشاش مەيۈسلىنىپ يۈردۇم، مەن ئۆز ئانىسىغا ھازا تۇتقاندەك، بېشىمنى سېلىپ يۈردۈم. 14
بىراق مەن پۇتلىشىپ كەتكىنىمدە، ئۇلار خۇشال بولۇشۇپ كەتكەنىدى، بىر يەرگە جەم بولدى؛ دەرۋەقە جەم بولۇشۇپ مۇشۇ زوراۋانلار ماڭا قارشى چىقىشتى، بىراق خەۋىرىم يوق ئىدى. ئۇلار مېنى پارە-پارە قىلىش ئۈچۈن توختىماي زەربە بېرىشتى. 15
خۇددى بىر چىشلەم پوشكال ئۈستىدە چاقچاق ۋە تالاش قىلغان خۇداسىزلاردەك، ئۇلار ماڭا چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ خىرىس قىلىشتى. 16
ئى رەب، قاچانغىچە پەرۋا قىلمايسەن؟ جېنىمنى ئۇلارنىڭ ھالاكىتىدىن قۇتقۇزغايسەن، مېنىڭ بىردىنبىر ھاياتىمنى [مۇشۇ] يىرتقۇچ شىرلارنىڭ ئاغزىدىن تارتىۋالغايسەن! 17
زور جامائەت ئارىسىدا مەن ساڭا تەشەككۈر ئېيتىمەن؛ نۇرغۇنلىغان خەلق ئارىسىدا سېنى مەدھىيىلەيمەن. 18
يالغان سەۋەب بىلەن ماڭا رەقىب بولغانلارنى ئۈستۈمدىن شادلاندۇرمىغايسەن؛ مەندىن سەۋەبسىز نەپرەتلەنگەنلەرنى ئۆزئارا كۆز قىسىشتۇرمىغايسەن! 19
ئۇلار دوستانە سۆز قىلمايدۇ، زېمىندىكى تىنچلىقپەرۋەرلەرگە پىتنە-ئىغۋا توقۇماقتا. 20
ئۇلار ماڭا قاراپ ئېغىزىنى يوغان ئېچىپ: «ۋاي-ۋاي! كۈتكۈنىمىزنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرۈۋالدۇق!» ــ دېيىشىدۇ. 21
ئى پەرۋەردىگار، سەن بۇلارنى كۆرۈپ چىقتىڭ، سۈكۈت قىلمىغايسەن؛ ئى رەب، مەندىن ئۆزۈڭنى يىراقلاشتۇرمىغايسەن؛ 22
قوزغالغايسەن، مەن ئۈچۈن ھۆكۈم چىقىرىشقا ئويغانغايسەن، ئى مېنىڭ خۇدايىم ــ رەببىم! 23
مېنىڭ ئىشىم ئۈستىدە ئۆز ھەققانىيلىقىڭ بويىچە ھۆكۈم چىقارغايسەن، ئى پەرۋەردىگار خۇدايىم؛ ئۇلارنى مېنىڭ [ئوڭۇشسىزلىقىمدىن] شادلاندۇرمىغايسەن! 24
ئۇلار كۆڭلىدە: «ۋاھ! ۋاھ! ئەجەب ئوبدان بولدى!» ــ دېيىشمىسۇن؛ ياكى: «ئۇنى يۇتۇۋەتتۇق!» ــ دېيىشمىسۇن. 25
مېنىڭ زىيىنىمدىن خۇشال بولغانلار يەرگە قارىتىلىپ شەرمەندە بولغاي؛ مېنىڭدىن ئۆزلىرىنى ئۈستۈن تۇتقۇچىلارنىڭ كىيىم-كېچىكى خىجالەت ۋە نومۇسسۇزلۇق بولسۇن! 26
مېنىڭ ھەققانىيلىقىمدىن سۆيۈنگەنلەر تەنتەنە قىلىپ شادلانسۇن! ئۇلار ھەمىشە: «ئۆز قۇلىنىڭ ئامان-ئېسەنلىكىگە سۆيۈنگەن پەرۋەردىگار ئۇلۇغلانسۇن!» ــ دېگەي. 27
شۇ چاغدا مېنىڭ تىلىم كۈن بويى ھەققانىيلىقىڭ توغرۇلۇق سۆزلەيدۇ، مەدھىيىلەرنى ياڭرىتىدۇ. 28

< زەبۇر 35 >