< زەبۇر 34 >

داۋۇت يازغان كۈي: ــ (داۋۇت ئابىمەلەك [پادىشاھنىڭ] ئالدىدا يۈرۈش-تۇرۇشىنى باشقىچە قىلىۋالغاندا، [ئابىمەلەك] ئۇنى ھەيدىۋەتكەن ۋاقىتتا يازغان) مەن ھەرقانداق ۋاقىتلاردا پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرىمەن؛ ئۇنى مەدھىيىلەش ئاغزىمدىن چۈشمەيدۇ. 1
قەلبىم پەرۋەردىگارنى ئىپتىخارلىنىپ مەدھىيەلەيدۇ، مۆمىنلەر بۇنى ئاڭلاپ شادلىقتا بولىدۇ. 2
مەن بىلەن بىللە پەرۋەردىگارنى ئۇلۇغلاڭلار، بىرلىكتە ئۇنىڭ نامىغا مەدھىيىلەر ياڭرىتايلى. 3
پەرۋەردىگارنى ئىزدىدىم، ئۇ مېنىڭ دۇئايىمنى ئىجابەت قىلدى، مېنى باسقان بارلىق ۋەھىمە-قورقۇنچلىرىمدىن قۇتقۇزدى. 4
[مۆمىنلەر] ئۇنىڭغا تەلمۈرۈپ نۇرلاندى؛ يۈزلىرى يەرگە قارىتىلمىدى. 5
[مەن] پېقىر-بىچارە [ئۇنىڭغا] نىدا قىلدى، پەرۋەردىگار ئاڭلاپ، مېنى ھەممە ئاۋارىچىلىكلەردىن قۇتقۇزدى. 6
پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭدىن ئەيمىنىدىغانلارنى قوغداپ ئەتراپىغا چېدىرىنى تىكىدۇ، ئۇلارنى قۇتقۇزىدۇ. 7
پەرۋەردىگارنىڭ مېھرىبانلىقىنى تېتىپ، بىلگىن، ئۇنىڭغا ئىشىنىپ تايانغان ئادەم نېمىدېگەن بەختلىكتۇر! 8
ئى ئۇنىڭ مۇقەددەس بەندىلىرى، پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىڭلار! چۈنكى ئۇنىڭدىن ئەيمىنىدىغانلارنىڭ ھېچ نەرسىسى كەم بولماس. 9
كۈچلۈك ئارسلانلار ئوزۇقسىز قېلىپ ئاچ قالسىمۇ، ئەمما پەرۋەردىگارنى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ ھېچبىر ياخشى نەرسىسى كەم بولماس. 10
كېلىڭلار بالىلىرىم، ماڭا قۇلاق سېلىڭلار؛ مەن سىلەرگە پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىشنى ئۆگىتىپ قوياي. 11
ھاياتنى ئەتىۋارلايدىغان كىشى كىم؟ كىمنىڭ ئۇزۇن ۋە ياخشى كۈنلەرنى كۆرگۈسى بار؟ 12
ئۇنداقتا تىلىڭنى يامانلىقتىن تارتىپ يۈر، لەۋلىرىڭ مەككارلىقتىن نېرى بولسۇن؛ 13
يامانلىقتىن ئايرىلىپ يىراق بولۇپ، گۈزەل ئەمەللەرنى قىلىپ يۈر؛ ئامان-خاتىرجەملىكنى ئىزدەپ، ئۇنى قوغلاپ يۈر. 14
پەرۋەردىگارنىڭ كۆزى ھەققانىيلارنىڭ ئۈستىدە تۇرىدۇ، ئۇنىڭ قۇلىقى ئۇلارنىڭ ئىلتىجالىرىغا ئوچۇق تۇرىدۇ؛ 15
پەرۋەردىگارنىڭ چىرايى رەزىللىك قىلغۇچىلارغا قارشى چىقار، ئۇلارنىڭ ھەرقانداق نام-خاتىرىلىرىنى يەر يۈزىدىن ئېلىپ تاشلار؛ 16
ھەققانىيلار ئىلتىجا قىلىدۇ، پەرۋەردىگار ئاڭلايدۇ، ئۇلارنى بارلىق ئازاب-مۇشەققەتلىرىدىن قۇتقۇزىدۇ؛ 17
پەرۋەردىگار كۆڭلى سۇنۇقلارغا يېقىندۇر، روھى ئېزىلگەنلەرنى قۇتقۇزىدۇ. 18
ھەققانىيلار دۇچ كەلگەن ئاۋارىچىلىكلەر كۆپتۇر؛ بىراق پەرۋەردىگار ئۇلارنى بۇلارنىڭ ھەممىسىدىن قۇتقۇزىدۇ. 19
[ئۇ ھەققانىينىڭ] سۆڭەكلىرىنى ساق قالدۇرىدۇ، ئۇلاردىن بىرسىمۇ سۇنۇپ كەتمەيدۇ. 20
يامانلىقنىڭ ئۆزى رەزىللەرنى ئۆلتۈرىدۇ؛ ھەققانىيلارغا نەپرەتلىنىدىغانلار گۇناھتا قالىدۇ. 21
پەرۋەردىگار ئۆز قۇللىرىنىڭ جانلىرىنى بەدەل تۆلەپ ھۆرلۈككە چىقىرىدۇ؛ ئۇنىڭغا تايانغانلاردىن ھېچكىمگە گۇناھ بېكىتىلمەيدۇ. 22

< زەبۇر 34 >