< زەبۇر 31 >

نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ سەن پەرۋەردىگارنى، مەن باشپاناھ قىلدىم؛ مېنى ھېچقاچان يەرگە قارىتىپ قويمىغايسەن؛ ئۆز ھەققانىيلىقىڭ بىلەن مېنى ئازاد قىلىپ قۇتقۇزغايسەن؛ 1
ماڭا قۇلاق سالغايسەن، مېنى تېزرەك قۇتقۇزۇۋالغايسەن؛ ماڭا قورام تاش، ئۆزۈمنى قوغدايدىغان قورغانلىق قەلئە بولغايسەن. 2
چۈنكى سەن مېنىڭ ئۇيۇلتېشىم، مېنىڭ قورغىنىمدۇرسەن؛ شۇڭا ئۆز نامىڭ ئۈچۈن مېنى يېتەكلىگەيسەن، مېنى باشلىغايسەن. 3
ماڭا يوشۇرۇن سېلىنغان تۇزاقتىن قەدەملىرىمنى تارتقايسەن؛ چۈنكى سەن مېنىڭ باشپاناھىمدۇرسەن. 4
مەن روھىمنى قولۇڭغا تاپشۇردۇم؛ سەن ماڭا نىجاتلىق قىلىپ ھۆرلۈككە چىقارغانسەن، ئى پەرۋەردىگار، ھەق تەڭرى. 5
يالغان ئىلاھلارغا چوقۇنىدىغانلاردىن يىرگىنىپ كەلدىم؛ مەن بولسام پەرۋەردىگارغا ئېتىقاد قىلىمەن. 6
ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ بىلەن خۇشال بولۇپ شادلىنىمەن؛ چۈنكى مېنىڭ خارلىقىمنى كۆردۈڭسەن؛ جېنىمنىڭ ئازاپ-ئوقۇبەتلىرىدىن خەۋەر تاپتىڭ. 7
مېنى دۈشمەنلىرىمنىڭ قولىغا چۈشۈرمىدىڭ، بەلكى پۇتلىرىمنى كەڭرى جايغا تۇرغۇزدۇڭ. 8
ئى پەرۋەردىگار، ماڭا رەھىم-شەپقەت كۆرسەتكەيسەن، چۈنكى بېشىمغا كۈلپەت چۈشتى؛ دەرد-ئەلەمدىن كۆزۈم تۈگۈشەي دەپ قالدى، جېنىم، ۋۇجۇدۇممۇ شۇنداق. 9
ھاياتىم قايغۇ-ھەسرەت بىلەن، يىللىرىم غەم-غۇسسە بىلەن ئۇپراۋاتىدۇ. گۇناھىم تۈپەيلىدىن ماغدۇرۇم كېتەي دەپ قالدى، ئۇستىخانلىرىم سىزىپ كەتتى. 10
مەن رەقىبلىرىمنىڭ ئىزا-ئاھانىتىگە قالدىم، يېقىنلىرىم ئالدىدا تېخىمۇ شۇنداق؛ تونۇشلىرىمغىمۇ بىر ۋەھىمە بولدۇم؛ كوچىدا مېنى كۆرگەنلەرمۇ مەندىن داجىپ قاچىدۇ. 11
ھەممەيلەن مېنى ئۆلگەن ئادەمدەك، كۆڭلىدىن چىقىرىپ تاشلاشتى؛ پۇچۇق چىنىدەك بولۇپ قالدىم. 12
چۈنكى نۇرغۇنلارنىڭ تۆھمەتلىرىنى ئاڭلىدىم، ۋەھىمە تەرەپ-تەرەپلەردە تۇرىدۇ؛ ئۇلار ماڭا ھۇجۇم قىلىشقا مەسلىھەتلىشىۋاتىدۇ، جېنىمنى ئېلىشقا قەست قىلىشىۋاتىدۇ. 13
بىراق مەن ساڭا تايىنىمەن، ئى پەرۋەردىگار؛ «سەن مېنىڭ خۇدايىم!» ــ دېدىم. 14
مېنىڭ كۈنلىرىم سېنىڭ قولۇڭدىدۇر؛ مېنى دۈشمەنلىرىمنىڭ قولىدىن ھەم ماڭا زىيانكەشلىك قىلغۇچىلاردىن قۇتقۇزغايسەن. 15
قۇلۇڭغا دىدارىڭنىڭ جىلۋىسىنى چۈشۈرگەيسەن؛ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ بىلەن ماڭا نىجاتلىق ئاتا قىلغايسەن. 16
ئى پەرۋەردىگار، مېنى يەرگە قارىتىپ قويمىغايسەن؛ چۈنكى مەن ساڭا ئىلتىجا قىلدىم؛ رەزىللەر يەرگە قاراپ قالسۇن؛ ئۇلارنىڭ تەھتىسارادا زۇۋانى تۇتۇلسۇن؛ (Sheol h7585) 17
يالغان لەۋلەر زۇۋاندىن قالسۇن! ئۇلار ھەققانىيلارنى خالىغانچە مازاق قىلىپ تەكەببۇرلۇق بىلەن سۆزلىمەكتە! 18
ئۆزۈڭنى باشپاناھ قىلغانلار ئۈچۈن ئىنسان بالىلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا كۆرسەتكەن ئىلتىپاتلىرىڭ، يەنى ئۆزۈڭدىن قورقىدىغانلار ئۈچۈن، ساقلىغان ئىلتىپات-نېمەتلىرىڭ نەقەدەر مولدۇر! 19
سەن ئۇلارنى ئىنسانلارنىڭ سۇيىقەستلىرىدىن ئۆز ھۇزۇرۇڭدىكى يوشۇرۇن دالدا جايغا ئالىسەن؛ سەن ئۇلارنى تىل-ئاھانەتلەردىن سايىۋىنىڭدە يوشۇرۇپ قويىسەن. 20
پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيىلەر يوللانسۇن! چۈنكى ئۇ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىنى زۇلمەتلىك بىر شەھەردە ئاجايىب نىمايەن قىلدى! 21
چۈنكى مەن دەككە-دۈككىدە ھودۇقۇپ: ــ سېنى، مېنى كۆزىدىن چىقىرىپ قويدىمىكىن، دەپ قورققانىدىم؛ ھالبۇكى، مەن نالە كۆتۈرۈپ يېلىنغىنىمدا، پەريادىمغا قۇلاق سالدىڭ. 22
پەرۋەردىگارنى سۆيۈڭلار، ئى ئۇنىڭ بارلىق مۆمىن بەندىلىرى! پەرۋەردىگار ئۆزىگە سادىقلارنى قوغدايدۇ، ھەم تەكەببۇرلۇق بىلەن ئىش قىلغۇچىلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئۆز بېشىغا ھەسسىلەپ قايتۇرىدۇ! 23
ئى پەرۋەردىگارنى تەلمۈرۈپ كۈتكەنلەر، جىگەرلىك بول، قەلبىڭ مەردانە قىلىنسۇن! 24

< زەبۇر 31 >