< زەبۇر 30 >

مۇقەددەس ئىبادەتخانىنى خۇداغا ئاتاشنى تەبرىكلەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ مەن سېنى ئالىي دەپ ئۇلۇغلايمەن، ئى پەرۋەردىگار، چۈنكى سەن مېنى پەستىن يۇقىرى كۆتۈردۈڭ، دۈشمەنلىرىمنى ئۈستۈمدىن خۇشاللاندۇرمىدىڭ. 1
ئى پەرۋەردىگار خۇدايىم، مەن ساڭا نالە كۆتۈردۈم، سەن مېنى ساقايتتىڭ. 2
ئى پەرۋەردىگار، سەن تەھتىسارادىن جېنىمنى ئېلىپ چىقتىڭ، ھاڭغا چۈشىدىغانلار ئارىسىدىن ماڭا ھايات بېرىپ ساقلىدىڭ. (Sheol h7585) 3
پەرۋەردىگارغا كۈي ئېيتىڭلار، ئى ئۇنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرى، ئۇنىڭ پاك-مۇقەددەسلىكىنى ياد ئېتىپ تەشەككۈر ئېيتىڭلار. 4
چۈنكى ئۇنىڭ غەزىپى دەقىقىدە ئۆتۈپ كېتىدۇ، شاپائىتى بولسا ئۆمۈرۋايەت بولىدۇ؛ يىغا-زار كېچىچە قونۇپ قالسىمۇ، خۇشاللىق تاڭ سەھەر بىلەن تەڭ كېلىدۇ. 5
مەن بولسام ئۆز راھەت-پاراغىتىمدە: «مەڭگۈگە تەۋرەنمەي مۇقىم تۇرىمەن» ــ دېدىم. 6
پەرۋەردىگار، شاپائىتىڭ بىلەن، مېنىڭ تېغىمنى مۇستەھكەم تۇرغۇزغانىدىڭ؛ ئەمما سەن دىدارىڭنى قاچۇرۇپ يوشۇردۇڭ؛ مەن ئالاقزادە بولۇپ كەتتىم؛ 7
مەن ساڭا نالە-پەرياد كۆتۈردۈم، ئى پەرۋەردىگار؛ مەن [سەن] رەبكە ئىلتىجا قىلدىم: ــ 8
ــ مېنىڭ قېنىم تۆكۈلۈپ، ھاڭغا كىرسەم نېمە پايدىسى باردۇر؟ توپا-چاڭ سېنى مەدھىيىلەمدۇ؟ ئۇ ھەقىقىتىڭنى جاكارلىيالامدۇ؟ 9
ئاڭلىغايسەن، ئى پەرۋەردىگار، ماڭا شەپقەت كۆرسەتكەيسەن؛ ئى پەرۋەردىگار، ماڭا ياردەمدە بولغايسەن! 10
سەن ماتەم قايغۇسىنى ئۇسسۇل ئويناشلارغا ئايلاندۇردۇڭ؛ [ھازىلىق] بۆز كىيىمىمنى سالدۇرىۋېتىپ، ماڭا خۇشاللىقنى بەلۋاغ قىلىپ باغلىدىڭ؛ 11
شۇڭا مېنىڭ روھىم سۈكۈت قىلماي، ساڭا كۈيلەر ئوقۇسۇن! ئى پەرۋەردىگار، مېنىڭ خۇدايىم، ساڭا ئەبەدىلئەبەدگىچە تەشەككۈرلەرنى ئېيتىمەن! 12

< زەبۇر 30 >