< زەبۇر 3 >

داۋۇت ئۆز ئوغلى ئابشالومدىن قېچىپ يۈرگەن كۈنلەردە يازغان كۈي: ــ ئى پەرۋەردىگار، مېنى قىستاۋاتقانلار نەقەدەر كۆپىيىپ كەتكەن، مەن بىلەن قارشىلىشىۋاتقانلار نېمىدېگەن كۆپ! 1
نۇرغۇنلار مەن توغرۇلۇق: ــ «خۇدادىن ئۇنىڭغا ھېچ نىجات يوقتۇر!» دېيىشىۋاتىدۇ. سېلاھ! 2
بىراق سەن، ئى پەرۋەردىگار، ئەتراپىمدىكى قالقاندۇرسەن؛ شان-شەرىپىم ھەم بېشىمنى يۆلىگۈچىدۇرسەن! 3
ئاۋازىم بىلەن مەن پەرۋەردىگارغا نىدا قىلىمەن، ئۇ مۇقەددەس تېغىدىن ئىجابەت بېرىدۇ. سېلاھ. 4
مەن بولسام ياتتىم، ئۇخلىدىم؛ ئويغاندىم، چۈنكى پەرۋەردىگار ماڭا يار-يۆلەك بولىدۇ. 5
مېنى قورشاپ سەپ تۈزگەن تۈمەنلىگەن ئادەملەر بولسىمۇ، مەن ئۇلاردىن قورقمايمەن! 6
ئى پەرۋەردىگار، ئورنۇڭدىن تۇر! مېنى قۇتقۇز، ئى خۇدايىم! مېنىڭ بارلىق دۈشمەنلىرىمنىڭ تەستىكىگە سالغايسەن؛ رەزىللەرنىڭ چىشلىرىنى چېقىۋەتكەيسەن! 7
نىجاتلىق بولسا پەرۋەردىگاردىندۇر؛ بەرىكىتىڭ ئۆز خەلقىڭدە بولسۇن! سېلاھ! 8

< زەبۇر 3 >