< زەبۇر 29 >

داۋۇت يازغان كۈي: ــ پەرۋەردىگارغا بەرگەيسىلەر، ئى قۇدرەتلىك بولغۇچىنىڭ پەرزەنتلىرى، پەرۋەردىگارغا شانۇ-شەۋكەت، كۈچ بەرگەيسىلەر! 1
پەرۋەردىگارغا ئۆز نامىغا لايىق شانۇ-شەۋكەت بەرگەيسىلەر؛ پەرۋەردىگارغا پاك-مۇقەددەسلىكنىڭ گۈزەللىكىدە سەجدە قىلىڭلار! 2
پەرۋەردىگارنىڭ ساداسى چوڭقۇر سۇلار ئۈستىدە ھۆكۈم سۈرىدۇ؛ شان-شەرەپ ئىگىسى بولغان تەڭرى گۈلدۈرمامىلارنى ياڭرىتىدۇ؛ پەرۋەردىگار بۈيۈك دېڭىزلار ئۈستىدە ھۆكۈم سۈرىدۇ. 3
پەرۋەردىگارنىڭ ساداسى كۈچلۈكتۇر؛ پەرۋەردىگارنىڭ ساداسى ھەيۋەتكە تولغاندۇر؛ 4
پەرۋەردىگارنىڭ ساداسى كېدىر دەرەخلىرىنى سۇندۇرىۋېتىدۇ؛ بەرھەق، پەرۋەردىگار لىۋاندىكى كېدىرلارنى سۇندۇرىۋېتىدۇ. 5
ئۇ ئۇلارنى موزاي ئويناقلاۋاتقاندەك ئويناقلىتىدۇ؛ ياۋا كالىنىڭ بالىسى ئويناقلاۋاتقاندەك، ئۇ لىۋان ۋە سىرىئون تېغىنى ئويناقلىتىدۇ. 6
پەرۋەردىگارنىڭ ساداسى چاقماقلارنىڭ يالقۇنلىرىنى شاخلىتىۋېتىدۇ؛ 7
پەرۋەردىگارنىڭ ساداسى چۆل-جەزىرىنى زىلزىلىگە سالىدۇ؛ پەرۋەردىگار قەدەشتىكى چۆل-جەزىرىنى زىلزىلىگە سالىدۇ؛ 8
پەرۋەردىگارنىڭ ساداسى دۇب دەرەخلىرىنى ھەريان تولغىتىدۇ، ئورمانلىقلارنى يالىڭاچلايدۇ؛ ئۇنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخانىسىدا بولغان ھەممىسى «شانۇ-شەۋكەت!» دەپ تەنتەنە قىلىدۇ. 9
پەرۋەردىگار توپان ئۈستىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ ئولتۇرىدۇ؛ بەرھەق، پەرۋەردىگار مەڭگۈگە پادىشاھ بولۇپ ھۆكۈم سۈرۈپ ئولتۇرىدۇ. 10
پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىگە قۇدرەتنى بەخش ئېتىدۇ؛ ئۆز خەلقىنى ئامان-خاتىرجەملىك بىلەن بەرىكەتلەيدۇ. 11

< زەبۇر 29 >