< زەبۇر 27 >
داۋۇت يازغان كۈي: ــ پەرۋەردىگار مېنىڭ نۇرۇم ۋە نىجاتلىقىمدۇر؛ مەن يەنە كىمدىن قورقاي؟ پەرۋەردىگار ھاياتىمنىڭ قورغىنىدۇر؛ مەن كىمنىڭ ئالدىدا تىترەي؟ | 1 |
ダビデの歌 主はわたしの光、わたしの救だ、わたしはだれを恐れよう。主はわたしの命のとりでだ。わたしはだれをおじ恐れよう。
يامانلىق قىلغۇچىلار «ئۇنىڭ ئەتلىرىنى يەيلى» دەپ ماڭا ھۇجۇم قىلغاندا، رەقىبلىرىم، دۈشمەنلىرىم ماڭا يېقىنلاشقاندا، پۇتلىشىپ، يىقىلدى ئۇلار. | 2 |
わたしのあだ、わたしの敵である悪を行う者どもが、襲ってきて、わたしをそしり、わたしを攻めるとき、彼らはつまずき倒れるであろう。
زور قوشۇن بارگاھ قۇرۇپ مېنى قورشاۋغا ئالسىمۇ، قەلبىمدە ھېچ قورقۇنچ يوق؛ ماڭا ئۇرۇش قوزغىسىمۇ، يەنىلا خاتىرجەم تۇرىۋېرىمەن. | 3 |
たとい軍勢が陣営を張って、わたしを攻めても、わたしの心は恐れない。たといいくさが起って、わたしを攻めても、なおわたしはみずから頼むところがある。
پەرۋەردىگاردىن بىرلا نەرسىنى تىلەپ كەلدىم؛ مەن شۇنىڭغا ئىنتىلىمەكتىمەنكى: ــ ئۆمۈر بويى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە بولسام، پەرۋەردىگارنىڭ گۈزەللىكىگە قاراپ يۈرسەم، ئۇنىڭ ئىبادەتخانىسىدا تۇرۇپ، يېتەكلىشىگە مۇيەسسەر بولسام، دەيمەن. | 4 |
わたしは一つの事を主に願った、わたしはそれを求める。わたしの生きるかぎり、主の家に住んで、主のうるわしきを見、その宮で尋ねきわめることを。
بېشىمغا كۈن چۈشكەندە، ئۇ مېنى سايىۋىنى ئاستىغا ئالىدۇ؛ مېنى چېدىرىنىڭ ئىچىدە ئامان ساقلاپ يوشۇرۇۋالىدۇ. ئۇ مېنى ئۇيۇلتاش ئۈستىگە مۇقىم تۇرغۇزىدۇ. | 5 |
それは主が悩みの日に、その仮屋のうちにわたしを潜ませ、その幕屋の奥にわたしを隠し、岩の上にわたしを高く置かれるからである。
شۇڭا ھازىر ئەتراپىمدىكى دۈشمەنلىرىم ئالدىدا بېشىم يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. ئۇنىڭ مۇقەددەس چېدىرىدا تەنتەنە قىلىپ قۇربانلىقلار سۇنىمەن؛ ناخشا-كۈيلەر ئېيتىمەن، مۇناجاتلارنى ئېيتىمەن پەرۋەردىگارغا! | 6 |
今わたしのこうべはわたしをめぐる敵の上に高くあげられる。それゆえ、わたしは主の幕屋で喜びの声をあげて、いけにえをささげ、歌って、主をほめたたえるであろう。
نىدا قىلغىنىمدا ئاۋازىمنى ئاڭلىغايسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ ماڭا مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، ئىجابەت قىلغايسەن. | 7 |
主よ、わたしが声をあげて呼ばわるとき、聞いて、わたしをあわれみ、わたしに答えてください。
ئۆز كۆڭلۈم: «ئۇنىڭ دىدارىنى ئىزدەڭلار!» دەيدۇ؛ دىدارىڭنى، ئى پەرۋەردىگار، ئۆزۈم ئىزدەيمەن. | 8 |
あなたは仰せられました、「わが顔をたずね求めよ」と。あなたにむかって、わたしの心は言います、「主よ、わたしはみ顔をたずね求めます」と。
مەندىن ئۆزۈڭنى قاچۇرمىغايسەن! غەزەپلەنگەندە قۇلۇڭنى نېرى قوغلىمىغايسەن؛ سەن مېنىڭدىن ياردىمىڭنى ئايىماي كەلدىڭ؛ سەن مەندىن ئايرىلمىغايسەن، مېنى تاشلىۋەتمىگەيسەن، ئى نىجاتكارىم خۇدا! | 9 |
み顔をわたしに隠さないでください。怒ってあなたのしもべを退けないでください。あなたはわたしの助けです。わが救の神よ、わたしを追い出し、わたしを捨てないでください。
ئاتا-ئانام مېنى تاشلىۋەتسىمۇ، پەرۋەردىگار مېنى قۇچىقىغا ئالىدۇ. | 10 |
たとい父母がわたしを捨てても、主がわたしを迎えられるでしょう。
ماڭا ئۆز يولۇڭنى ئۆگەتكەيسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ كۈشەندىلىرىم [پايلاپ يۈرمەكتە]، مېنى تۈز يولغا باشلىغايسەن. | 11 |
主よ、あなたの道をわたしに教え、わたしのあだのゆえに、わたしを平らかな道に導いてください。
مېنى رەقىبلىرىمنىڭ مەيلىگە تاپشۇرمىغايسەن، چۈنكى ماڭا قارا چاپلاشماقچى بولغان يالغانچىلار خېلى كۆپتۇر، ئۇلارنىڭ نەپەسلىرىمۇ زوراۋانلىقتۇر. | 12 |
わたしのあだの望むがままに、わたしを引き渡さないでください。偽りのあかしをする者がわたしに逆らって起り、暴言を吐くからです。
ئاھ، پەرۋەردىگارنىڭ مېھرىبانلىقىنى تىرىكلەرنىڭ زېمىنىدە كۆرۈشكە كۆزۈم يەتمىگەن بولسا...! | 13 |
わたしは信じます、生ける者の地でわたしは主の恵みを見ることを。
پەرۋەردىگارنى تەلمۈرۈپ كۈتكىن! جىگەرلىك بول، قەلبىڭ مەردانە بولسۇن! شۇنداق قىل، پەرۋەردىگارنى تەلمۈرۈپ كۈتكىن! | 14 |
主を待ち望め、強く、かつ雄々しくあれ。主を待ち望め。