< زەبۇر 26 >

داۋۇت يازغان كۈي: ــ مەن ئۈچۈن ھۆكۈم چىقارغايسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ چۈنكى مەن ئۆز دۇرۇسلۇقۇمدا تۇرۇپ ماڭدىم؛ مەن پەرۋەردىگارغا تايىنىپ كەلگەنمەن؛ مەن تېيىلىپ كەتمەيمەن. 1
مېنى سىناپ باققايسەن، ئى پەرۋەردىگار، مېنى تەكشۈرۈپ باققىن؛ ۋىجدانىمنى، قەلبىمنى تاۋلىغايسەن؛ 2
چۈنكى ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭنى كۆز ئالدىمدا تۇتقانمەن؛ مەن ھەقىقىتىڭنى ئۆزۈمگە يېتەكچى قىلىپ ماڭدىممەن. 3
مەن يالغانچىلار بىلەن ھەمداستىخان ئولتۇرمىدىم؛ ساختىپەزلەرگە ھەمراھ بولۇشقا كىرمەيمەن. 4
يامانلىق قىلغۇچىلار جامائىتىدىن يىرگىنىمەن؛ رەزىللەر بىلەنمۇ ئولتۇرمايمەن. 5
قوللىرىمنى گۇناھسىزلىقتا يۇيىمەن؛ شۇندا، قۇربانگاھىڭنى ئايلىنىپ يۈرەلەيمەن. 6
ۋە ھەم تەشەككۈرلەرنى ئاڭلىتىمەن؛ بارلىق كارامەتلىرىڭنى جاكارلايمەن. 7
ئى پەرۋەردىگار، ماكانىڭ بولغان ئۆينى، شان-شەرىپىڭ تۇرغان جاينى سۆيۈپ كەلدىم؛ 8
جېنىمنى گۇناھكارلار بىلەن، ھاياتىمنى قانخورلار بىلەن بىللە ئېلىپ كەتمىگەيسەن؛ 9
ئۇلارنىڭ قولىدا سۇيىقەستلەر باردۇر، ئوڭ قولى پارىلەرگە تولدى. 10
مەن بولسام، دۇرۇسلۇقۇمدا مېڭىپ يۈرىۋېرىمەن؛ مېنى ھۆرلۈككە چىقىرىپ قۇتقۇزغايسەن، ماڭا مېھىر-شەپقەت كۆرسەتكەيسەن. 11
پۇتۇم بولسا تۈپتۈز جايدا تۇرىدۇ؛ جامائەتلەر ئارىسىدا تۇرۇپ پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيىلەر قايتۇرىمەن. 12

< زەبۇر 26 >