< زەبۇر 25 >

داۋۇت يازغان كۈي: پەرۋەردىگار، جېنىم ساڭا تەلمۈرۈپ قارايدۇ؛ 1
ساڭا تايىنىمەن، ئى خۇدايىم؛ مېنى يەرگە قارىتىپ خىجالەتتە قالدۇرمىغايسەن؛ ۋە ياكى دۈشمەنلىرىمنى ئۈستۈمدىن غالىب قىلىپ شادلاندۇرمىغايسەن؛ 2
بەرھەق، سېنى كۈتكۈچىلەردىن ھېچقايسىسى شەرمەندە بولماس؛ بىراق ھېچبىر سەۋەبسىز خائىنلىق قىلغۇچىلار شەرمەندە بولىدۇ. 3
مېنى سېنىڭ ئىزلىرىڭنى بىلىدىغان قىلغايسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ يوللىرىڭنى ماڭا ئۆگىتىپ قويغايسەن. 4
مېنى ھەقىقىتىڭدە ماڭدۇرۇپ، ماڭا ئۆگەتكەيسەن؛ چۈنكى ئۆزۈڭ مېنىڭ نىجاتلىقىم بولغان خۇدايىمدۇرسەن؛ مەن كۈن بويى ساڭا قاراپ تەلمۈرىمەن؛ 5
ئۆز رەھىمدىللىقلىرىڭنى، ئۆزگەرمەس مېھىرلىرىڭنى يادىڭغا كەلتۈرگەيسەن، ئى پەرۋەردىگار! چۈنكى ئۇلار ئەزەلدىن تارتىپ بار بولۇپ كەلگەندۇر؛ 6
مېنىڭ ياشلىقىمدىكى گۇناھلىرىمنى، شۇنداقلا ئىتائەتسىزلىكلىرىمنى ئېسىڭگە كەلتۈرمىگەيسەن؛ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ، مېھرىبانلىقىڭ بىلەن، مېنى ئېسىڭگە كەلتۈرگەيسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ 7
پەرۋەردىگار مېھرىبان ۋە دۇرۇستۇر؛ شۇڭا ئۇ گۇناھكارلارنى دۇرۇس يولغا سالىدۇ. 8
مۆمىنلەرنى ياخشى-ياماننى پەرق ئېتىشكە ئۇ يېتەكلەيدۇ؛ مۆمىنلەرگە ئۆز يولىنى ئۆگىتىدۇ. 9
ئۇنىڭ ئەھدىسى ۋە ھۆكۈم-گۇۋاھلىرىنى تۇتقانلارنىڭ ھەممىسىگە نىسبەتەن، پەرۋەردىگارنىڭ بارلىق يوللىرى ئۆزگەرمەس مۇھەببەت ۋە ھەقىقەتتۇر. 10
ئۆز نامىڭ ئۈچۈن، ئى پەرۋەردىگار، قەبىھلىكىم ئىنتايىن ئېغىر بولسىمۇ، سەن ئۇنى كەچۈرىۋەتكەنسەن. 11
كىمكى پەرۋەردىگاردىن ئەيمەنسە، خۇدا ئۆزى تاللىغان يولدا ئۇنىڭغا [ھەقىقەتنى] ئۆگىتىدۇ؛ 12
ئۇنىڭ جېنى ئازادە-ياخشىلىقتا ياشايدۇ، ئۇنىڭ نەسلى يەر يۈزىگە مىراس بولىدۇ. 13
پەرۋەردىگار ئۆزىدىن ئەيمىنىدىغانلار بىلەن سىرداشتۇر؛ ئۇ ئۇلارغا ئۆز ئەھدىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. 14
مېنىڭ كۆزلىرىم ھەمىشە پەرۋەردىگارغا تىكىلىپ قارايدۇ؛ چۈنكى ئۇ پۇتلىرىمنى توردىن چىقىرىۋېتىدۇ. 15
ماڭا قاراپ مېھىر-شەپقەت كۆرسەتكەيسەن؛ چۈنكى مەن غېرىبانە، دەردمەندۇرمەن. 16
كۆڭلۈمنىڭ ئازارلىرى كۆپىيىپ كەتتى؛ مېنى باسقان قىسماقلاردىن چىقارغايسەن. 17
دەردلىرىمنى، ئازابلىرىمنى نەزىرىڭگە ئالغىن، بارلىق گۇناھلىرىمنى كەچۈرگەيسەن! 18
مېنىڭ دۈشمەنلىرىمنى نەزىرىڭگە ئالغىن، چۈنكى ئۇلار كۆپتۇر؛ ئۇلار ماڭا چوڭقۇر ئۆچمەنلىك بىلەن نەپرەتلىنىدۇ. 19
جېنىمنى ساقلىغايسەن، مېنى قۇتقۇزغايسەن؛ مېنى شەرمەندىلىكتە قالدۇرمىغايسەن؛ چۈنكى مەن سېنى باشپاناھىم قىلدىم. 20
كۆڭۈل ساپلىقى ۋە دۇرۇسلۇق مېنى قوغدىغاي؛ چۈنكى مەن ساڭا ئۈمىد باغلاپ كۈتۈۋاتىمەن. 21
ئى خۇدا، ئىسرائىلنى بارلىق كۈلپەتلىرىدىن قۇتقۇزۇپ ھۆرلۈككە چىقارغايسەن! 22

< زەبۇر 25 >