< زەبۇر 23 >

داۋۇت يازغان كۈي: ــ پەرۋەردىگار مېنى باققۇچى پادىچىمدۇر، موھتاج ئەمەسمەن ھېچ نەرسىگە؛ 1
ئۇ مېنى يۇمران چۆپلەردە ياتقۇزۇپ دەم ئالدۇرار؛ تىنچ ئاقىدىغان سۇلارنى بويلىتىپ باقىدۇ؛ 2
ئۇ ۋۇجۇدۇمنى يېڭىلايدۇ؛ ئۇ ھەققانىيلىق يولىدا ئۆز نامى ئۈچۈن يېتەكلەيدۇ؛ 3
ھەتتا مەن ئۆلۈم سايىسى بولغان جىلغىدىن ئۆتسەممۇ، ھېچ يامانلىقتىن قورقمايمەن؛ چۈنكى سەن مەن بىلەن بىللىدۇرسەن؛ سېنىڭ ھاساڭ ھەم تايىقىڭ ماڭا تەسەللىدۇر. 4
مېنى خار قىلغۇچىلارنىڭ كۆز ئالدىدا ماڭا كەڭ داستىخان سالىسەن؛ مېنىڭ بېشىمنى ماي بىلەن مەسىھ قىلىسەن؛ قەدەھىم تاشىدۇ؛ 5
بەرھەق، بارلىق كۈنلىرىمدە ياخشىلىق ۋە ئۆزگەرمەس شەپقەت ماڭا ئەگىشىپ ھەمراھ بولىدۇ؛ مەڭگۈدىن-مەڭگۈگە پەرۋەردىگارنىڭ دەرگاھىدا ياشايمەن! 6

< زەبۇر 23 >