< زەبۇر 22 >

نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «ئايجەلەت-خاششاھار» (تاڭ سەھەردە كەلگەن مەدەت) دېگەن ئاھاڭدا ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ «ئاھ ئىلاھىم، ئىلاھىم، نېمىشقا مەندىن ۋاز كەچتىڭ؟ سەن نېمىشقا مېنى قۇتقۇزۇشتىن شۇنچە يىراقسەن؟ نېمىشقا قاتتىق پەريادلىرىمدىن شۇنچە يىراق تۇرىسەن، 1
خۇدايىم، كۈندۈزدە نىدا قىلدىم، لېكىن سەن ھېچ جاۋاب قىلمايسەن؛ كېچىدىمۇ مەن شۇنداق پەرياد قىلىشتىن ئارام ئالالمايمەن. 2
بىراق ئى ئىسرائىلنىڭ مەدھىيىلىرىنى ئۆز ماكانىڭ قىلغۇچى، سەن دېگەن پاك-مۇقەددەستۇرسەن! 3
ئاتا-بوۋىلىرىمىز سېنى تايانچى قىلغان، ئۇلار ساڭا تايانغان، سەن ئۇلارنى قۇتقۇزغان. 4
ئۇلار ساڭا نىدا قىلىشلىرى بىلەن قۇتۇلغان؛ ساڭا تايىنىش بىلەن ئۇلارنىڭ ئۈمىدى ھېچ يەردە قالغان ئەمەس. 5
بىراق مەن بولسام ئادەم ئەمەس، بىر قۇرتمەن، ئىنسان تەرىپىدىن [تۆھمەت بىلەن] رەسۋايىئالەم قىلىنغانمەن، خالايىق تەرىپىدىن كەمسىتىلگەنمەن. 6
مېنى كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى مازاق قىلىپ كۈلىدۇ، باشلىرىنى سىلكىشىپ ئاغزىلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ: 7
«ئۇ پەرۋەردىگارغا ئۆزىنى تاپشۇرغان ئەمەسمۇ؟! ئەمدى پەرۋەردىگار ئۇنى قۇتقۇزسۇن! پەرۋەردىگار ئۇنىڭدىن خۇرسەن بولسا ئەگەر، ئۇنى قۇتۇلدۇرسۇن!» ــ دېيىشىدۇ. 8
بىراق مېنى ئاپامنىڭ قورسىقىدىن چىقارغۇچى ئۆزۈڭدۇرسەن؛ ھەتتا ئەمچەكتىكى ۋاقتىمدىمۇ مېنى ئۆزۈڭگە تاياندۇرغانسەن؛ 9
تۇغۇلغىنىمدىن تارتىپلا، مەن ئۆزۈمنى قوينۇڭغا تاشلىغانمەن؛ ئانامنىڭ بالىياتقۇسىدىكى ۋاقتىمدىلا، سەن مېنىڭ تەڭرىم بولۇپ كەلگەنسەن. 10
مەندىن يىراقلاشما؛ چۈنكى رىيازەت مېنى قىستاپ كەلدى؛ ماڭا ياردەمدە بولغۇچى يوقتۇر. 11
نۇرغۇن بۇقىلار مېنى قورشىۋالدى؛ باشاننىڭ كۈچلۈك بۇقىلىرى مېنى ئورىۋالدى؛ 12
ئۇلار ئادەمنى تىتما قىلغۇچى ھۆركىرەۋاتقان شىردەك، ئاغزىلىرنى چوڭ ئېچىپ ماڭا تىكىلىپ تۇرىدۇ. 13
مەن تۆكۈلگەن سۇدەك بولدۇم، ھەممە سۆڭەكلىرىم ئىزىدىن چىقىپ كەتتى؛ يۈرىكىم مومدەك ئېرىپ كەتتى، ئىچ-باغرىمدا زەئىپلىشىپ ئېرىپ كەتتى. 14
قاغجىراپ كەتكەن ساپال پارچىسىدەك ماغدۇرۇم قالمىدى، تىلىم تاڭلىيىمغا چاپلىشىپ كەتتى، سەن [پەرۋەردىگار] مېنى ئۆلۈمنىڭ توپا-چاڭلىرىغا قويغانسەن. 15
غالجىر ئىتلار ماڭا ئولاشتى، بىر توپ رەزىللەر مېنى قىستاپ كېلىپ، مېنىڭ قولۇم ۋە پۇتۇمنى سانجىپ تەشتى. 16
سۆڭەكلىرىمنىڭ ھەممىسىنى سانىيالايمەن، [ئۇستىخانلىرىم] ماڭا تىكىلىپ قاراپ تۇرغاندەك قىلىدۇ. 17
ئۇلار كىيىملىرىمنى ئۆز ئارىسىدا ئۈلەشتۈرۈۋاتىدۇ، كۆڭلىكىمگە ئېرىشىش ئۈچۈن چەك تاشلىشىۋاتىدۇ. 18
بىراق، ئى پەرۋەردىگار، مەندىن يىراقلاشما! ئى كۈچ-قۇدرىتىم بولغۇچىم، ياردەمگە تېز كەلگەيسەن! 19
جېنىمنى قىلىچتىن قۇتقۇزغىن، مېنىڭ يالغۇز جېنىمنى ئىتنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلدۇرغىن. 20
مېنى شىرنىڭ ئاغزىدىن قۇتقۇزغىن؛ شۇنداق، سەن ئىلتىجالىرىمنى ئىجابەت قىلىپ ياۋا كالىلارنىڭ مۈڭگۈزلىرىدىن قۇتقۇزغانسەن! 21
مەن سېنىڭ نامىڭنى قېرىنداشلىرىمغا ئېلان قىلىمەن؛ چوڭ جامائەت ئىچىدە تۇرۇپ ساڭا بولغان مەدھىيىلىرىمنى جاكارلايمەن؛ 22
پەرۋەردىگاردىن ئەيمەنگۈچىلەر، ئۇنى مەدھىيىلەڭلار! ياقۇپنىڭ بارلىق نەسىللىرى، ئۇنىڭغا شان-شەرەپ كەلتۈرۈڭلار! ئىسرائىلنىڭ پۈتۈن ئەۋلادلىرى، ئۇنىڭدىن ئەيمىنىڭلار. 23
چۈنكى ئۇ ئېزىلگۈچىنىڭ ئاشۇ خارلىنىشلىرىنى نەزىرىدىن ساقىت قىلغان ئەمەس، ياكى ئۇنىڭدىن ھېچ يىرگەنگەن ئەمەس؛ ئۇنىڭدىن ئۆز ۋىسالىنى ھېچ يوشۇرغان ئەمەس؛ بەلكى ئۇ ئىلتىجا قىلىپ ئاۋازىنى كۆتۈرگىنىدە، ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىپ ئاڭلىغان. 24
چوڭ جامائەت ئىچىدە ماڭا ئوقۇلغان مەدھىيىلەر ئۆزۈڭدىندۇر، خۇدادىن ئەيمەنگۈچىلەرنىڭ ئالدىدا ئىچكەن قەسەملىرىمنى ئىشقا ئاشۇرىمەن؛ 25
ئاجىز مۆمىنلەر قورسىقى تويغۇچە تاماقلىنىدۇ؛ پەرۋەردىگارنى ئىزدىگەنلەر ئۇنى مەدھىيەلەيدۇ؛ سىلەرنىڭ قەلبىڭلار مەڭگۈ ياشنايدۇ! 26
زېمىننىڭ ئەڭ چېتىدىكىلەرمۇ بۇ ئىشنى قەلبىدە تۇتۇپ ، توۋا قىلىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا كېلىدۇ؛ ئەل-مىللەتلەرنىڭ بارلىق جەمەتلىرى ئالدىڭدا ئىبادەت قىلىدۇ؛ 27
چۈنكى پادىشاھلىق پەرۋەردىگارغىلا تەۋەدۇر؛ ئۇ ئەل-مىللەتلەر ئارىسىدا ھۆكۈم سۈرگۈچىدۇر. 28
جاھاندىكى بايلارمۇ ئۇنىڭ ئالدىدىن يەپ-ئىچىپ، ئىبادەت قىلىدۇ؛ تۇپراققا كىرەي دەپ قالغانلارمۇ، ھەتتا ئۆز جېنىنى ساقلىيالمايدىغانلارمۇ ئۇنىڭغا سەجدە قىلىدۇ؛ 29
كەلگۈسىدىكى بىر ئەۋلاد ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولىدۇ؛ بۇ ئەۋلاد رەب ئۈچۈن ئۆز پەرزەنتلىرى ھېسابلىنىدۇ. 30
كېيىن ئۇلار كېلىپ، شۇ چاغدا تۇغۇلىدىغان بىر قوۋمغا ئۇنىڭ ھەققانىيلىقىنى جاكارلاپ شۇنى ئېلان قىلىدۇكى، «ئۇ بۇنى ئەمەلگە ئاشۇردى!» 31

< زەبۇر 22 >