< زەبۇر 21 >

نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ پادىشاھ قۇدرىتىڭدىن شادلىنىدۇ، ئى پەرۋەردىگار؛ غەلىبە-نىجاتلىقىڭدىن ئۇ نەقەدەر خۇرسەن بولىدۇ! 1
سەن ئۇنىڭ كۆڭۈل تىلىكىنى ئۇنىڭغا ئاتا قىلدىڭ، لەۋلىرىنىڭ تەلىپىنى رەت قىلغان ئەمەسسەن. سېلاھ! 2
چۈنكى سەن ئېسىل بەرىكەتلەر بىلەن ئۇنى قارشى ئالدىڭ؛ ئۇنىڭ بېشىغا ساپ ئالتۇن تاج كىيدۈردۈڭ. 3
ئۇ سەندىن ئۆمۈر تىلىسە، سەن ئۇنىڭغا بەردىڭ، يەنى ئۇزۇن كۈنلەرنى، تاكى ئەبەدىلئەبەدگىچە بەردىڭ. 4
ئۇ سېنىڭ بەرگەن غەلىبە-نىجاتلىقىڭدىن زور شەرەپ قۇچتى؛ سەن ئۇنىڭغا ئىززەت-ھەيۋەت ھەم شانۇ-شەۋكەت قوندۇردۇڭ. 5
سەن ئۇنىڭ ئۆزىنى مەڭگۈلۈك بەرىكەتلەر قىلدىڭ؛ دىدارىڭنىڭ شادلىقى بىلەن ئۇنى زور خۇرسەن قىلدىڭ؛ 6
چۈنكى پادىشاھ پەرۋەردىگارغا تايىنىدۇ؛ ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتى بىلەن ئۇ ھېچ تەۋرەنمەيدۇ. 7
سېنىڭ قولۇڭ بارلىق دۈشمەنلىرىڭنى تېپىپ، ئاشكارە قىلىدۇ؛ ئوڭ قولۇڭ ساڭا ئۆچمەنلىك قىلغانلارنى تېپىپ ئاشكارە قىلىدۇ؛ 8
سېنىڭ دىدارىڭ كۆرۈنگەن كۈندە، ئۇلارنى يالقۇنلۇق خۇمدانغا سالغاندەك كۆيدۈرىسەن؛ پەرۋەردىگار دەرغەزەپ بىلەن ئۇلارنى يۇتۇۋېتىدۇ؛ ئوت ئۇلارنى كۆيدۈرۈپ تۈگىتىدۇ. 9
ئۇلارنىڭ تۇخۇمىنى جاھاندىن، نەسىللىرىنى كىشىلىك دۇنيادىن قۇرىتىسەن؛ 10
چۈنكى ئۇلار ساڭا يامانلىق قىلىشقا ئۇرۇندى؛ ئۇلار رەزىل بىر نەيرەڭنى ئويلاپ چىققىنى بىلەن، ئەمما غەلىبە قىلالمىدى. 11
چۈنكى سەن ئۇلارنى كەينىگە بۇرۇلۇشقا مەجبۇر قىلدىڭ؛ سەن ئۇلارنىڭ يۈزىگە قاراپ ئوقيايىڭنى چەنلەيسەن. 12
ئى پەرۋەردىگار، ئۆز كۈچۈڭ بىلەن ئۇلۇغلۇقۇڭنى نامايان قىلغايسەن؛ شۇنىڭ بىلەن بىز ناخشا ئېيتىپ قۇدرىتىڭنى مەدھىيىلەيمىز. 13

< زەبۇر 21 >