< زەبۇر 20 >

نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ كۈلپەتلىك كۈندە پەرۋەردىگار ساڭا ئىجابەت قىلغاي! ياقۇپنىڭ خۇداسىنىڭ نامى سېنى ئېگىزدە ئامان ساقلىغاي! 1
ئۇ ئۆز مۇقەددەس جايىدىن ساڭا مەدەت ئەۋەتكەي، زىئوندىن ساڭا كۈچ-قۇۋۋەت بەرگەي؛ 2
بارلىق «ئاشلىق ھەدىيە»لىرىڭنى ياد قىلغاي، كۆيدۈرمە قۇربانلىقىڭنى قوبۇل قىلغاي! سېلاھ! 3
كۆڭلۈڭدىكى تەشنالىقلارنى ساڭا ئاتا قىلغاي، كۆڭلۈڭگە پۈككەن بارلىق ئارزۇلىرىڭنى ئەمەلگە ئاشۇرغاي. 4
بىزلەر غەلىبەڭنى تەبرىكلەپ تەنتەنە قىلىمىز، خۇدايىمىزنىڭ نامىدا تۇغلىرىمىزنى تىكلەيمىز؛ پەرۋەردىگار بارلىق تەلەپلىرىڭنى ئەمەلگە ئاشۇرغاي! ھازىر بىلدىمكى، پەرۋەردىگار ئۆزى مەسىھ قىلغىنىنى قۇتقۇزىدۇ؛ مۇقەددەس ئەرشلىرىدىن ئۇنىڭغا قۇدرەتلىك قۇتقۇزغۇچى قولىنى ئۇزارتىپ جاۋاب بېرىدۇ. 5
ھازىر بىلدىمكى، پەرۋەردىگار ئۆزى مەسىھ قىلغىنىنى قۇتقۇزىدۇ؛ مۇقەددەس ئەرشلىرىدىن ئۇنىڭغا قۇدرەتلىك قۇتقۇزغۇچى قولىنى ئۇزارتىپ جاۋاب بېرىدۇ. 6
بەزىلەر جەڭ ھارۋىلىرىغا، بەزىلەر ئاتلارغا [تايىنىدۇ]؛ بىراق بىز بولساق پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ نامىنى ياد ئېتىمىز؛ 7
ئۇلار تىزى پۈكلىنىپ يىقىلدى؛ بىراق بىز بولساق، قەددىمىزنى رۇسلاپ تىك تۇرىمىز. 8
ئى پەرۋەردىگار، پادىشاھقا غەلىبە بەرگەيسەن؛ نىدا قىلغىنىمىزدا بىزگە ئىجابەت قىلغايسەن! 9

< زەبۇر 20 >