< زەبۇر 19 >

داۋۇت يازغان كۈي: ــ ئەرشلەر تەڭرىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى جاكارلايدۇ، ئاسمان گۈمبىزى ئۇنىڭ قولى ياسىغانلىرىنى نامايان قىلىدۇ؛ 1
ئۇلارنىڭ سۆزلىرى كۈن-كۈنلەر دەريادەك ئېقىۋاتىدۇ؛ كېچە-كېچىلەپ ئۇلار بىلىمنى ئايان قىلىۋاتىدۇ. 2
تىلسىز ھەم ئاۋازسىز بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ساداسى [ئالەمگە] ئاڭلانماقتا. 3
ئۇلارنىڭ ئۆلچەم تانىسى يەر يۈزىدە تارتىلماقتا؛ ئۇلارنىڭ سۆزلىرى ئالەمنىڭ چېتىگىچە يەتمەكتە. ئۇلارنىڭ ئىچىدە [خۇدا] قۇياش ئۈچۈن چېدىر تىككەن، 4
[قۇياش] ھۇجرىسىدىن تويغا چىققان يىگىتتەك چىقىدۇ، بەيگىگە چۈشىدىغان پالۋاندەك شادلىنىدۇ؛ 5
ئاسمانلارنىڭ بىر چېتىدىن ئۆرلەيدۇ، جاھاننىڭ ئۇ چېتىگىچە چۆرگىلەيدۇ، ئۇنىڭ ھارارىتىدىن ھېچقانداق مەخلۇقات يوشۇرۇنالمايدۇ. 6
پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات-قانۇنى مۇكەممەلدۇر، ئۇ ئىنسان ۋۇجۇدىنى يېڭىلايدۇ؛ پەرۋەردىگار بەرگەن ھۆكۈم-گۇۋاھلار مۇقىم-ئىشەنچلىك ، ئۇ نادانلارنى دانا قىلىدۇ. 7
پەرۋەردىگارنىڭ كۆرسەتمىلىرى دۇرۇس، ئۇ قەلبنى شادلاندۇرىدۇ؛ پەرۋەردىگارنىڭ پەرمانلىرى يورۇقلۇقتۇر، ئۇ كۆزلەرنى نۇرلاندۇرىدۇ. 8
پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش پاك ئىشتۇر، ئۇ مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ؛ پەرۋەردىگارنىڭ ھۆكۈملىرى ھەقتۇر، ھەربىرى تامامەن ھەققانىيەتتۇر. 9
ئۇلار ئالتۇندىن، بەرھەق كۆپ ساپ ئالتۇندىن قىممەتلىكتۇر؛ ھەسەلدىن، ھەسەل جەۋھىرىدىن شېرىندۇر؛ 10
ئۇلار بىلەن قۇلۇڭ ئويغىتىلىدۇ؛ ئىنسان ئۇلارغا رىئايە قىلىشتا چىڭ تۇرسا چوڭ مۇكاپات باردۇر. 11
كىم ئۆز خاتالىقلىرىنى بىلىپ يېتەلىسۇن؟ مېنى بىلىپ-بىلمەي قىلغان گۇناھلىرىمدىن ساقىت قىلغايسەن؛ 12
ئۆز قۇل-چاكارىڭنى باشباشتاق گۇناھلاردىن تارتقايسەن؛ بۇ گۇناھلارنى ماڭا خوجايىن قىلدۇرمىغايسەن؛ شۇنىڭ بىلەن مەن قۇسۇرسىز بولىمەن، ئېغىر گۇناھتىن خالىي بولغايمەن. 13
ئى پەرۋەردىگار، مېنىڭ قورام تېشىم ۋە ھەمجەمەت-نىجاتكارىم، ئاغزىمدىكى سۆزلەر، قەلبىمدىكى ئويلىنىشلار نەزىرىڭدە مەقبۇل بولغاي! 14

< زەبۇر 19 >