< زەبۇر 18 >

نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى داۋۇت يازغان كۈي؛ پەرۋەردىگار ئۇنى بارلىق دۈشمەنلىرىدىن ھەم سائۇل پادىشاھنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغان كۈنى، ئۇ پەرۋەردىگارغا مۇنۇ كۈينىڭ سۆزلىرىنى ئېيتتى: ــ ئاھ، پەرۋەردىگارىم، مېنىڭ كۈچ-قۇدرىتىم، مەن سېنى سۆيىمەن! 1
پەرۋەردىگار مېنىڭ خادا تېغىم، مېنىڭ قورغىنىم، مېنىڭ نىجاتكارىمدۇر! مېنىڭ تەڭرىم، مېنىڭ قورام تېشىم، مەن ئۇنىڭدىن ھىمايە تاپىمەن؛ ئۇ مېنىڭ قالقىنىم، مېنىڭ قۇتقۇزغۇچى مۈڭگۈزۈم، مېنىڭ ئېگىز مۇنارىمدۇر! 2
مەدھىيىلەرگە لايىق پەرۋەردىگارغا نىدا قىلىمەن، شۇندا دۈشمەنلىرىمدىن قۇتقۇزۇلىمەن؛ 3
ئۆلۈمنىڭ ئاسارەتلىرى مېنى قورشىۋالدى، ئىخلاسسىزلارنىڭ يامراپ كېتىشى مېنى قورقىتىۋەتتى؛ 4
تەھتىسارانىڭ تانىلىرى مېنى چىرمىۋالدى، ئۆلۈم سىرتماقلىرى ئالدىمغا كەلدى. (Sheol h7585) 5
قىينالغىنىمدا مەن پەرۋەردىگارغا نىدا قىلدىم، خۇدايىمغا پەرياد كۆتۈردۈم؛ ئۇ ئىبادەتخانىسىدىن ئاۋازىمنى ئاڭلىدى، مېنىڭ پەريادىم ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا كەلدى، ئۇنىڭ قۇلىقىغا كىردى. 6
شۇ چاغ يەر-زېمىن تەۋرەپ، سىلكىنىپ كەتتى، تاغلارنىڭ ئۇللىرى دەھشەتلىك تەۋرەندى، سىلكىنىپ كەتتى؛ چۈنكى ئۇ غەزەپلەندى. 7
ئۇنىڭ دىمىغىدىن ئىس ئۆرلەپ تۇراتتى، ئاغزىدىن چىققان ئوت ھەممىسىنى يۇتۇۋەتتى؛ ئۇنىڭدىن كۆمۈر چوغلىرى چىقتى؛ 8
ئۇ ئاسمانلارنى تەزىم قىلدۇرۇپ چۈشتى، پۇتى ئاستى تۇم قاراڭغۇلۇق ئىدى. 9
بىر كېرۇبنى مىنىپ پەرۋاز قىلدى، شامالنىڭ قاناتلىرىدا غۇيۇلداپ ئۇچۇپ كەلدى. 10
ئۇ قاراڭغۇلۇقنى ئۆزىنىڭ يوشۇرۇنىدىغان جايى قىلدى، سۇلارنىڭ قاراڭغۇسىنى، ئاسمانلارنىڭ قويۇق بۇلۇتلىرىنى، ئۆز ئەتراپىدا چېدىرى قىلدى. 11
ئۇنىڭ ئالدىدىكى يورۇقلۇقتىن، قويۇق بۇلۇتلار، مۆلدۈر، ئوتلۇق چوغلار چىقىپ ئۆتتى؛ 12
پەرۋەردىگار ئاسماندا گۈلدۈرلىدى؛ ھەممىدىن ئالىي بولغۇچى ئاۋازىنى ياڭراتتى، مۆلدۈر ۋە ئوتلۇق چوغلار بىلەن. 13
بەرھەق، ئۇ ئوقلىرىنى ئېتىپ، [دۈشمەنلىرىمنى] تارقىتىۋەتتى؛ چاقماقلارنى چاقتۇرۇپ، ئۇلارنى قىيقاس-چۇقانغا سالدى؛ 14
شۇنىڭ بىلەن دېڭىزلارنىڭ تەكتى كۆرۈنۈپ قالدى، ئالەمنىڭ ئۇللىرى ئاشكارىلاندى، تەنبىھىڭ بىلەن، دىمىغىڭدىن چىققان نەپەسنىڭ زەربىسى بىلەن، ئى پەرۋەردىگار. 15
ئۇ يۇقىرىدىن قولىنى ئۇزىتىپ، مېنى تۇتتى؛ مېنى ئۇلۇغ سۇلاردىن تارتىپ ئالدى. 16
ئۇ مېنى كۈچلۈك دۈشمىنىمدىن، ھەم ماڭا ئۆچمەنلىك قىلغۇچىلاردىن قۇتقۇزدى؛ چۈنكى ئۇلار مەندىن كۈچلۈك ئىدى. 17
كۈلپەتكە ئۇچرىغان كۈنۈمدە، ئۇلار ماڭا قارشى ھۇجۇمغا ئۆتتى؛ بىراق پەرۋەردىگار مېنىڭ تايانچىم ئىدى. 18
ئۇ مېنى كەڭرى-ئازادە بىر جايغا ئېلىپ چىقاردى؛ ئۇ مېنى قۇتقۇزدى، چۈنكى ئۇ مەندىن خۇرسەن بولدى. 19
پەرۋەردىگار ھەققانىيلىقىمغا قاراپ ماڭا ئىلتىپات كۆرسەتتى؛ قولۇمنىڭ ھالاللىقىنى ئۇ ماڭا قايتۇردى؛ 20
چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ يوللىرىنى تۇتۇپ كەلدىم؛ رەزىللىك قىلىپ خۇدايىمدىن ئايرىلىپ كەتمىدىم؛ 21
چۈنكى ئۇنىڭ بارلىق ھۆكۈملىرى ئالدىمدىدۇر؛ مەن ئۇنىڭ بەلگىلىمىلىرىنى ئۆزۈمدىن نېرى قىلمىدىم؛ 22
مەن ئۇنىڭ بىلەن غۇبارسىز يۈردۇم، ئۆزۈمنى گۇناھتىن نېرى قىلدىم؛ 23
شۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار ھەققانىيلىقىمغا قاراپ، كۆز ئالدىدىكى قولۇمنىڭ ھالاللىقىغا قاراپ، قىلغانلىرىمنى قايتۇردى. 24
ۋاپادار-مېھرىبانلارغا ئۆزۈڭنى ۋاپادار-مېھرىبان كۆرسىتىسەن؛ غۇبارسىزلارغا ئۆزۈڭنى غۇبارسىز كۆرسىتىسەن؛ 25
ساپ دىللىقلارغا ئۆزۈڭنى ساپ دىللىق كۆرسىتىسەن؛ تەتۈرلەرگە ئۆزۈڭنى تەتۈر كۆرسىتىسەن؛ 26
چۈنكى ئاجىز مۆمىن خەلقنى قۇتقۇزغۇچى ئۆزۈڭدۇرسەن؛ بىراق تەكەببۇر كۆزلەرنى شەرمەندە قىلىسەن؛ 27
چىرىغىمنى جۇلالىق قىلغان سەندۇرسەن؛ پەرۋەردىگار خۇدايىم مېنى باسقان قاراڭغۇلۇقنى نۇرلاندۇرىدۇ؛ 28
چۈنكى سەن ئارقىلىق [دۈشمەن] قوشۇنى ئارىسىدىن يۈگۈرۈپ ئۆتتۈم؛ سەن خۇدايىم ئارقىلىق مەن سېپىلدىن ئاتلاپ ئۆتتۈم. 29
تەڭرىم ــ ئۇنىڭ يولى مۇكەممەلدۇر؛ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى سىناپ ئىسپاتلانغاندۇر؛ ئۇ ئۆزىگە تايانغانلارنىڭ ھەممىسىگە قالقاندۇر. 30
چۈنكى پەرۋەردىگاردىن باشقا يەنە كىم ئىلاھتۇر؟ بىزنىڭ خۇدايىمىزدىن باشقا كىممۇ قورام تاشتۇر؟ 31
يەنى بېلىمنى كۈچ-قۇۋۋەت بىلەن ئورىغۇچى تەڭرى، يولۇمنى تۈپتۈز، مۇكەممەل قىلغۇچى تەڭرىدۇر؛ 32
ئۇ مېنىڭ پۇتلىرىمنى كېيىكنىڭكىدەك [ئۇچقۇر] قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن مېنى ئېگىز جايلىرىمدا تۇرغۇزىدۇ؛ 33
قوللىرىمنى ئۇرۇش قىلىشقا ئۆگىتىدۇ، شۇڭلاشقا بىلەكلىرىم مىس كاماننى كېرەلەيدۇ؛ 34
سەن ماڭا نىجاتلىقىڭ بولغان قالقاننى ئاتا قىلدىڭ، نېنىڭ ئوڭ قولۇڭ مېنى يۆلىدى؛ سېنىڭ مۇلايىم كەمتەرلىكىڭ مېنى ئۇلۇغ قىلدى. 35
سەن قەدەملىرىم ئاستىدىكى جاينى كەڭ قىلدىڭ، مېنىڭ پۇتلىرىم تېيىلىپ كەتمىدى. 36
مەن دۈشمەنلىرىمنى قوغلاپ يەتتىم؛ ئۇلار ھالاك بولمىغۇچە ھېچ يانمىدىم. 37
قايتىدىن ئورنىدىن تۇرالماس قىلىپ ئۇلارنى يانجىۋەتتىم، ئۇلار پۇتلىرىم ئاستىدا يىقىلدى. 38
سەن جەڭ قىلىشقا كۈچ بىلەن بېلىمنى باغلىدىڭ؛ سەن ماڭا ھۇجۇم قىلغانلارنى پۇتۇم ئاستىدا ئېگىلدۈردۈڭ؛ 39
دۈشمەنلىرىمنى كۆز ئالدىمدا ئارقىسىغا ياندۇرۇپ قاچقۇزدۇڭ، شۇنىڭ بىلەن ماڭا ئۆچمەنلەرنى يوقاتتىم. 40
ئۇلار پەرياد كۆتۈردى، بىراق قۇتقۇزىدىغان ھېچكىم يوق ئىدى؛ ھەتتا پەرۋەردىگارغا نىدا قىلدى، ئۇمۇ ئۇلارغا جاۋاب بەرمىدى. 41
مەن ئۇلارغا سوققا بېرىپ، شامال ئۇچۇرغان توپىدەك قىلىۋەتتىم؛ كوچىدىكى پاتقاقتەك، ئۇلارنى تۆكۈۋەتتىم. 42
سەن مېنى خەلقنىڭ نىزالىرىدىن قۇتقۇزغانسەن؛ سەن مېنى ئەللەرنىڭ بېشى قىلغانسەن؛ ماڭا يات بولغان بىر خەلق خىزمىتىمدە بولماقتا. 43
سۆزۈمنى ئاڭلاپلا ئۇلار ماڭا ئىتائەت قىلىدۇ؛ يات ئەلدىكىلەر ماڭا بىچارىلەرچە تەسلىم بولىدۇ؛ 44
يات ئەلدىكىلەر چۈشكۈنلىشىپ كېتىدۇ؛ ئۇلار ئۆز ئىستىھكاملىرىدىن تىترىگەن ھالدا چىقىپ كېلىدۇ؛ 45
پەرۋەردىگار ھاياتتۇر! مېنىڭ قورام تېشىم مۇبارەكلەنسۇن! نىجاتلىقىم بولغان خۇدا [ھەممىدىن] ئالىيدۇر، دەپ مەدھىيىلەنسۇن! 46
ئۇ، مەن ئۈچۈن تولۇق قىساس ئالغۇچى تەڭرى، خەلقلەرنى ماڭا بويسۇندۇرغان [خۇدادۇر]؛ 47
ئۇ مېنى دۈشمەنلىرىمدىن قۇتقۇزغان؛ بەرھەق، سەن مېنى ماڭا ھۇجۇم قىلغانلاردىن يۇقىرى كۆتۈردۈڭ؛ زوراۋان ئادەمدىن سەن مېنى قۇتۇلدۇردۇڭ. 48
شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئەللەر ئارىسىدا ساڭا رەھمەت ئېيتىمەن، ئى پەرۋەردىگار؛ نامىڭنى ئۇلۇغلاپ كۈيلەرنى ئېيتىمەن؛ 49
[پەرۋەردىگار] ئۆزى تىكلىگەن پادىشاھقا زور نۇسرەتلەرنى بېغىشلايدۇ؛ ئۆزى مەسىھ قىلغىنىغا، يەنى داۋۇتقا ھەم ئۇنىڭ نەسلىگە مەڭگۈگە ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىنى كۆرسىتىدۇ. 50

< زەبۇر 18 >