< زەبۇر 17 >

داۋۇتنىڭ دۇئاسى: ــ ھەققانىي تەلەپنى ئاڭلا، ئى پەرۋەردىگار، مېنىڭ نىدايىمغا كۆڭۈل قويغىن؛ مېنىڭ دۇئايىمغا قۇلاق سالغىن، ئۇ يالغانچى لەۋلەردىن چىققان ئەمەس. 1
Hear the right, O Jehovah, attend to my cry. Give ear to my prayer, that goes not out of feigned lips.
ھۇزۇرۇڭدىن ھۆكۈمۈم چىقىرىلغاي! كۆزۈڭ نېمە دۇرۇس ئىكەنلىكىنى پەرق ئەتكەي! 2
Let my justice come forth from thy presence. Let thine eyes look upon equity.
سەن مېنىڭ قەلبىمنى سىنىغانسەن، سەن كېچىدىمۇ ماڭا يېقىنلىشىپ كۆزەتتىڭ؛ سەن مېنى تاۋلاپ كۆزۈڭدىن كەچۈردىڭسەن، مېنىڭدىن ھېچبىر سەۋەنلىك تاپالمىدىڭ؛ كۆڭلۈمدە: ئاغزىم ئىتائەتسىزلىك قىلمىسۇن! ــ دەپ نىيەت قىلدىم. 3
Thou have proved my heart. Thou have visited me in the night. Thou have tried me, and find nothing. I have purposed that my mouth shall not transgress.
ئادەم بالىلىرىنىڭ ھاياتتىكى ئىشلىرىدا، لەۋلىرىڭدىن چىققان سۆزلەر بىلەن زوراۋانلارنىڭ يوللىرىدىن ئۆزۈمنى نېرى قىلدىم. 4
As for the works of men, by the word of thy lips I have kept from the ways of a violent man.
مېنىڭ قەدەملىرىم يوللىرىڭدىن چىقمىغان، پۇتلىرىم تېيىلىپ كەتمىگەن. 5
My steps have held fast to thy paths. My feet have not slipped.
مەن ساڭا ئىلتىجا قىلدىم، چۈنكى تىلەكلىرىمنى ئىجابەت قىلىسەن، ئى تەڭرىم؛ ماڭا قۇلاق سالغىن، سۆزلىرىمنى ئاڭلىغىن. 6
I have called upon thee, for thou will answer me, O God. Incline thine ear to me, and hear my speech.
ئى، ئۆزۈڭگە تايانغانلارنى قارشى چىققۇچىلاردىن ئوڭ قولۇڭ بىلەن قۇتقۇزغۇچى، كارامەتلىرىڭنى كۆرسىتىپ، ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭنى ئايان قىلغايسەن! 7
Show thy marvelous loving kindness, O thou who saves by thy right hand those who take refuge from those who rise up.
مېنى كۆز قارىچۇقۇڭدەك ساقلىغايسەن؛ قاناتلىرىڭ سايىسىدە مېنى يوشۇرغايسەن؛ 8
Keep me as the apple of the eye. Hide me under the shadow of thy wings,
مېنى بۇلىماقچى بولغان رەزىل ئادەملەردىن، مېنى قورشىۋالغان ئەشەددىي كۈشەندىلىرىمدىن يوشۇرغىن؛ 9
from the wicked who oppress me, my deadly enemies, who encompass me around.
ئۇلارنىڭ باغرىنى ماي قاپلاپ، قېتىپ كەتكەن؛ ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرى تەكەببۇرلارچە سۆزلەيدۇ؛ 10
They are enclosed in their own fat. With their mouth they speak proudly.
ئۇلار يولىمىزنى تورىۋېلىپ، بىزنى يەرگە ئۇرۇشقا كۆزىنى ئالايتىپ، 11
They have now encompassed us in our steps. They set their eyes to cast down to the earth.
ئولجىغا ئاچ كۆزلۈك بىلەن تىكىلگەن شىردەك، يوشۇرۇن جايلاردا ماراپ يۈرىدىغان ياش شىردەكتۇر. 12
He is like a lion that is greedy of his prey, and as it were a young lion lurking in secret places.
ئورنۇڭدىن تۇرغايسەن، ئى پەرۋەردىگار، ئۇنىڭ يولىنى توسۇپ، يەر بىلەن يەكسان قىلغايسەن، جېنىمنى رەزىل ئادەمدىن قۇتقۇزغىن، قىلىچىڭ بىلەن؛ 13
Arise, O Jehovah, confront him. Cast him down. Deliver my soul from the wicked by thy sword,
[مېنى] ئۆز قولۇڭ بىلەن كىشىلەردىن، يەنى مۇشۇ دەۋردىكى كىشىلەردىن قۇتقۇزغىن؛ ئۇلارنىڭ نېسىۋىسى بولسا مۇشۇ دۇنيادىلادۇر؛ سەن ئۇلارنىڭ قارنىنى نېمەتلىرىڭ بىلەن تولدۇرىسەن؛ ئۇلارنىڭ كۆڭلى پەرزەنتلىرى بىلەن قاندى، بالىلىرىغا بايلىقلىرىنى قالدۇرىدۇ. 14
from men by thy hand, O Jehovah, from men of the world whose portion is in this life, and whose belly thou fill with thy treasure. They are satisfied with sons, and leave the rest of their substance to their babes.
مەن بولسام، ھەققانىيلىقتا يۈزۈڭگە قارىغۇچى بولىمەن؛ ئويغانغىنىمدا، سېنىڭ دىدارىڭدىن سۆيۈنىمەن! 15
As for me, I shall behold thy face in righteousness. I shall be satisfied, when I awake, with thy form.

< زەبۇر 17 >