< زەبۇر 15 >

داۋۇت يازغان كۈي: ــ پەرۋەردىگار، كىم چېدىرىڭدا تۇرالايدۇ؟ كىم پاك-مۇقەددەس تېغىڭدا ماكانلىشىدۇ؟ 1
كىمكى تامامەن دۇرۇسلۇقتا ماڭسا، ھەققانىيلىقنى يۈرگۈزسە، كۆڭلىدە ھەقىقەتنى سۆزلىسە؛ 2
تىلى بىلەن گەپ توشۇمىسا، ئۆز يېقىنىغا يامانلىق قىلمىسا، قوشنىسىنىڭ ئەيىبىنى كولاپ ئاچمىسا، 3
پەس ئادەمنى كۆزگە ئىلمىسا، پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىدىغانلارنى ھۆرمەتلىسە، ئۆزىگە زىيانلىق بولغان تەقدىردىمۇ ئىچكەن قەسىمىنى ئۆزگەرتمىسە، 4
پۇلنى خەقلەرگە ئۆسۈمگە بەرمىسە، بىگۇناھلارنىڭ زىيىنىغا پارا ئالمىسا؛ كىمكى مۇشۇلارنى قىلسا، مەڭگۈگە تەۋرەنمەس. 5

< زەبۇر 15 >