< زەبۇر 148 >

ھەمدۇسانا! پەرۋەردىگارنى ئاسمانلاردىن مەدھىيىلەڭلار؛ يۇقىرى جايلاردا ئۇنى مەدھىيىلەڭلار؛ 1
ئۇنى مەدھىيىلەڭلار، بارلىق پەرىشتىلىرى؛ ئۇنى مەدھىيىلەڭلار، بارلىق قوشۇنلىرى! 2
ئۇنى مەدھىيىلەڭلار، ئى قۇياش ھەم ئاي، ئۇنى مەدھىيىلەڭلار، ھەممە پارلاق يۇلتۇزلار؛ 3
ئۇنى مەدھىيىلەڭلار، ئاسمانلارنىڭ ئاسمانلىرى، ئاسماندىن يۇقىرى جايلاشقان سۇلار! 4
بۇلار پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى مەدھىيىلىسۇن؛ چۈنكى ئۇ بۇيرۇغان ھامان، ئۇلار ياراتىلغاندۇر؛ 5
ئۇ ئۇلارنى ئەبەدىلئەبەدگىچە تۇرغۇزدى؛ ئۇلار ئۈچۈن ۋاقتى ئۆتمەيدىغان بەلگىلىمىنى بۇيرۇغان. 6
پەرۋەردىگارنى زېمىندىن مەدھىيىلەڭلار، دېڭىزدىكى بارلىق ئەجدىھالار، دېڭىزنىڭ بارلىق تەگلىرى؛ 7
ئوت، مۆلدۈز، قار، تۇمان، ئۇنىڭ سۆزىگە ئەمەل قىلىدىغان جۇدۇنلۇق شامال؛ 8
تاغلار ھەم بارلىق دۆڭلەر، مېۋىلىك دەرەخلەر، بارلىق كېدىر دەرەخلىرى، 9
ياۋايى ھايۋانلار، بارلىق مال-ۋارانلار، ئۆمىلىگۈچىلەر ھەم ئۇچار-قاناتلار؛ 10
جاھان پادىشاھلىرى ۋە بارلىق قوۋملار، ئەمىرلەر ھەم يەر يۈزىدىكى بارلىق ھاكىم-سوتچىلار؛ 11
ھەم يىگىتلەر ھەم قىزلار، بوۋايلار ۋە ياشلار، ــ 12
ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى مەدھىيىلىسۇن؛ چۈنكى پەقەتلا ئۇنىڭ نامى ئالىيدۇر؛ ئۇنىڭ ھەيۋىتى يەر ھەم ئاسماندىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. 13
ھەم ئۇ ئۆز خەلقىنىڭ مۈڭگۈزىنى، يەنى بارلىق مۇقەددەس بەندىلىرىنىڭ مەدھىيىسىنى ئېگىز كۆتۈرگۈزگەن؛ ئۇلار ئىسرائىل بالىلىرى، ئۆزىگە يېقىن بىر خەلقتۇر! ھەمدۇسانا! 14

< زەبۇر 148 >