< زەبۇر 146 >

ھەمدۇسانا! ئى جېنىم، پەرۋەردىگارنى مەدھىيىلە! 1
مەن ھايات بولساملا، پەرۋەردىگارنى مەدھىيىلەيمەن؛ ۋۇجۇدۇم بار بولسىلا خۇدايىمغا كۈي ئېيتىمەن. 2
ئېسىلزادىلەرگىمۇ، ئىنسان بالىسىغىمۇ تايانماڭلار، ئۇلاردا ھېچ مەدەت-نىجاتلىق يوقتۇر. 3
مانا، ئۇنىڭ نەپىسى كېتىدۇ، ئۇ ئۆز تۇپرىقىغا قايتىپ كېتىدۇ؛ شۇ كۈندىلا ئارزۇ-نىيەتلىرى يوقاپ كېتىدۇ. 4
ياقۇپنىڭ تەڭرىسى مەدەتكارى بولغان ئادەم، پەرۋەردىگار خۇداسىنى ئۆز ئۈمىدى قىلغان ئادەم بەختلىكتۇر! 5
ئۇ ئاسمانلارنى، زېمىننى، دېڭىزنى ھەم ئۇنىڭدا بار مەۋجۇداتلارنى ياراتقاندۇر؛ ئۇ ھەقىقەت-ساداقەتتە مەڭگۈ تۇرىدۇ؛ 6
ئېزىلگۈچىلەر ئۈچۈن ئۇ ھۆكۈم سۈرىدۇ؛ ئاچ قالغانلارغا نان بېرىدۇ. پەرۋەردىگار مەھبۇسلارنى ئازاد قىلىدۇ؛ 7
پەرۋەردىگار كورلارنىڭ كۆزلىرىنى ئاچىدۇ؛ پەرۋەردىگار ئېگىلىپ قالغانلارنى تۇرغۇزىدۇ؛ پەرۋەردىگار ھەققانىيلارنى سۆيىدۇ. 8
پەرۋەردىگار مۇساپىرلاردىن خەۋەر ئالىدۇ؛ يېتىم-يېسىرلەرنى، تۇل خوتۇننى يۆلەيدۇ؛ بىراق رەزىللەرنىڭ يولىنى ئەگرى-بۈگرى قىلىدۇ. 9
پەرۋەردىگار مەڭگۈگە ھۆكۈم سۈرىدۇ؛ ئى زىئون، سېنىڭ خۇدايىڭ دەۋردىن-دەۋرگىچە ھۆكۈم سۈرىدۇ! ھەمدۇسانا! 10

< زەبۇر 146 >