< زەبۇر 145 >

مەدھىيە: داۋۇت يازغان كۈي: ــ مەن سېنى مەدھىيىلەپ ئۇلۇغلايمەن، خۇدايىم، ئى پادىشاھ؛ نامىڭغا ئەبەدىلئەبەدگىچە تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرىمەن. 1
ھەركۈنى ساڭا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرىمەن، نامىڭغا ئەبەدىلئەبەدگىچە تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرىمەن! 2
ئۇلۇغدۇر پەرۋەردىگار، زور مەدھىيىلەرگە لايىقتۇر! ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى سۈرۈشتۈرۈپ بولغىلى بولماس؛ 3
بىر دەۋر يېڭى بىر دەۋرگە سېنىڭ قىلغانلىرىڭنى ماختايدۇ؛ ئۇلار قۇدرەتلىك قىلغانلىرىڭنى جاكارلايدۇ؛ 4
مەن ھەيۋىتىڭنىڭ شەرەپلىك جۇلالىقىنى، ۋە كارامەت مۆجىزىلىرىڭنى سېغىنىپ سۆزلەيمەن؛ 5
: شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قورقۇنچلۇق ئىشلىرىڭنىڭ قۇدرىتىنى بايان قىلىدۇ؛ مەنمۇ ئۇلۇغ ئەمەللىرىڭنى جاكارلايمەن! 6
ئۇلار زور مېھرىبانلىقىڭنى ئەسلەپ، ئۇنى مۇبارەكلەپ تارقىتىدۇ، ھەققانلىيلىقىڭ توغرۇلۇق يۇقىرى ئاۋازدا كۈيلەيدۇ. 7
پەرۋەردىگار مېھىر-شەپقەتلىك ھەم رەھىمدىلدۇر؛ ئاسان غەزەپلەنمەيدۇ، ئۇ زور مېھىر-مۇھەببەتلىكتۇر؛ 8
پەرۋەردىگار ھەممىگە مېھرىباندۇر؛ ئۇنىڭ رەھىمدىللىقلىرى بارچە ياراتقانلىرىنىڭ ئۈستىدىدۇر؛ 9
سېنىڭ بارلىق ياسىغانلىرىڭ سېنى مەدھىيىلەيدۇ، ئى پەرۋەردىگار، سېنىڭ مۆمىن بەندىلىرىڭ ساڭا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرىدۇ. 10
ئۇلار پادىشاھلىقىڭنىڭ شەرىپىدىن خەۋەر يەتكۈزىدۇ، كۈچ-قۇدرىتىڭنى سۆزلەيدۇ؛ 11
شۇنداق قىلىپ ئىنسان بالىلىرىغا قۇدرەتلىك ئىشلىرىڭ، پادىشاھلىقىڭنىڭ شەرەپلىك ھەيۋىسى ئايان قىلىنىدۇ. 12
سېنىڭ پادىشاھلىقىڭ ئەبەدىي پادىشاھلىقتۇر، سەلتەنىتىڭ ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچىدۇر. 13
پەرۋەردىگار يىقىلاي دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى يۆلەيدۇ، ئېگىلىپ قالغانلارنىڭ ھەممىسىنى تۇرغۇزىدۇ. 14
ھەممەيلەننىڭ كۆزلىرى ساڭا تىكىلىپ كۈتىدۇ؛ ئۇلارغا ئۆز ۋاقتىدا رىزقىنى تەقسىم قىلىپ بېرىسەن؛ 15
قولۇڭنى ئېچىشىڭ بىلەنلا، بارلىق جان ئىگىلىرىنىڭ ئارزۇسىنى قاندۇرىسەن. 16
پەرۋەردىگار بارلىق يوللىرىدا ھەققانىيدۇر، ياسىغانلىرىنىڭ ھەممىسىگە مۇھەببەتلىكتۇر. 17
پەرۋەردىگار ئۆزىگە نىدا قىلغانلارنىڭ ھەممىسىگە يېقىندۇر، ئۆزىگە ھەقىقەتتە نىدا قىلغانلارنىڭ ھەممىسىگە يېقىندۇر؛ 18
ئۇ ئۆزىدىن ئەيمىنىدىغانلارنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ؛ ئۇلارنىڭ پەريادىنى ئاڭلاپ ئۇلارنى قۇتقۇزىدۇ. 19
پەرۋەردىگار ئۆزىنى سۆيگەنلەرنىڭ ھەممىسىدىن خەۋەر ئالىدۇ؛ رەزىللەرنىڭ ھەممىسىنى يوقىتىدۇ. 20
ئاغزىم پەرۋەردىگارنىڭ مەدھىيىسىنى ئېيتىدۇ؛ بارلىق ئەت ئىگىلىرى ئەبەدىلئەبەد ئۇنىڭ مۇقەددەس نامىغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرغاي! 21

< زەبۇر 145 >