< زەبۇر 144 >

داۋۇت يازغان كۈي: ــ قوللىرىمغا جەڭ قىلىشنى، بارماقلىرىمغا ئۇرۇشنى ئۆگىتىدىغان، مېنىڭ قورام تېشىم پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇلسۇن! 1
مېنىڭ ئۆزگەرمەس شەپقىتىم ۋە مېنىڭ قورغىنىم، مېنىڭ ئېگىز مۇنارىم ۋە نىجاتكارىم، مېنىڭ قالقىنىم ۋە تايانغىنىم، مەن ئۇنىڭدىن ھىمايە تاپىمەن؛ ئۇ ئۆز خەلقىمنى قول ئاستىمدا بويسۇندۇرغۇچىدۇر! 2
ئى پەرۋەردىگار، سەن ئۇنىڭدىن خەۋەر ئالىدىكەنسەن، ئادەم دېگەن زادى نېمە؟ ئۇنىڭ توغرۇلۇق ئويلايدىكەنسەن، ئىنسان بالىسى دېگەن نېمە؟ 3
ئادەم بولسا بىر نەپەستۇرلا، خالاس؛ ئۇنىڭ كۈنلىرى ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر كۆلەڭگىدۇر، خالاس. 4
ئى پەرۋەردىگار، ئاسمانلارنى ئېگىلدۈرۈپ چۈشكەيسەن؛ تاغلارغا تېگىپ ئۇلاردىن ئىس-تۈتەك چىقارغايسەن؛ 5
چاقماقلارنى چاققۇزۇپ ئۇلارنى تارقىتىۋەتكەيسەن؛ ئوقلىرىڭنى ئېتىپ ئۇلارنى قىيقاس-سۈرەنگە سالغايسەن؛ 6
يۇقىرىدىن قوللىرىڭنى ئۇزىتىپ، مېنى ئازاد قىلغايسەن؛ مېنى ئۇلۇغ سۇلاردىن، ياقا يۇرتتىكىلەرنىڭ چاڭگىلىدىن چىقارغايسەن. 7
ئۇلارنىڭ ئاغزى قۇرۇق گەپ سۆزلەيدۇ، ئوڭ قولى ئالدامچى قولدۇر. 8
ئى خۇدا، مەن ساڭا ئاتاپ يېڭى ناخشا ئېيتىمەن؛ ئونتارغا تەڭكەش بولۇپ ساڭا كۈيلەرنى ئېيتىمەن. 9
سەن پادىشاھلارغا نىجاتلىق-غەلىبە بېغىشلايسەن؛ قۇلۇڭ داۋۇتنى ئەجەللىك قىلىچتىن قۇتۇلدۇرىسەن. 10
مېنى قۇتۇلدۇرغايسەن، يات يۇرتتىكىلەرنىڭ قولىدىن ئازاد قىلغايسەن؛ ئۇلارنىڭ ئاغزى قۇرۇق گەپ سۆزلەيدۇ، ئوڭ قولى ئالدامچى قولدۇر. 11
شۇنداق قىلىپ ئوغۇللىرىمىز ياشلىقىدا پۇختا يېتىلگەن كۆچەتلەرگە ئوخشايدۇ، قىزلىرىمىز ئوردىچە نەقىشلەنگەن تۈۋرۈكلەردەك بولىدۇ؛ 12
ئاشلىق ئامبارلىرىمىز تولدۇرۇلۇپ، تۈرلۈك-تۈرلۈك ئوزۇقلار بىلەن تەمىنلەيدىغان، قويلىرىمىز ئوتلاقلىرىمىزدا مىڭلاپ، تۈمەنلەپ قوزىلايدىغان؛ 13
كالىلىرىمىز بوغاز بولىدىغان؛ ھېچكىم بېسىپ كىرمەيدىغان، ھېچكىم [جەڭگە] چىقمايدىغان؛ كوچىلىرىمىزدا ھېچ جېدەل-غوۋغا بولمايدىغان؛ 14
ئەھۋالى شۇنداق بولغان خەلق نېمىدېگەن بەختلىكتۇر! خۇداسى پەرۋەردىگار بولغان خەلق بەختلىكتۇر! 15

< زەبۇر 144 >