< زەبۇر 143 >

داۋۇت يازغان كۈي: ــ پەرۋەردىگار، دۇئايىمنى ئاڭلىغايسەن؛ يېلىنىشلىرىمغا قۇلاق سالغايسەن؛ ھەقىقەت-ساداقىتىڭدە ھەم ھەققانىيىتىڭدە ماڭا جاۋاب بەرگەيسەن. 1
ئۆز قۇلۇڭنى سوراققا تارتىشقا تۇرمىغايسەن؛ چۈنكى نەزىرىڭدە تىرىكلەرنىڭ ھېچبىرى ھەققانىي ئىسپاتلانمايدۇ. 2
چۈنكى دۈشمەن جېنىمغا زىيانكەشلىك قىلماقتا، ئۇ ھاياتىمنى دەپسەندە قىلدى؛ مېنى خۇددى ئۆلگىلى ئۇزۇن بولغانلاردەك، قاراڭغۇ جايلاردا تۇرۇشقا مەجبۇر قىلىدۇ. 3
شۇڭا روھىم ئىچىمدە تۈگىشەي دەپ قالدى؛ ئىچىمدە قەلبىم سۇندى. 4
مەن قەدىمكى كۈنلەرنى ئەسلەيمەن؛ سېنىڭ بارلىق قىلغانلىرىڭ ئۈستىدە سېغىنىپ ئويلىنىمەن؛ قوللىرىڭ ئىشلىگەنلىرىنى خىيالىمدىن ئۆتكۈزىمەن. 5
قوللىرىمنى ساڭا قاراپ سوزۇپ ئىنتىلىمەن؛ جېنىم چاڭقىغان زېمىندەك ساڭا تەشنادۇر. سېلاھ. 6
ماڭا تېزدىن جاۋاب بەرگەيسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ روھىم ھالىدىن كېتىدۇ؛ دىدارىڭنى مەندىن يوشۇرمىغايسەن؛ بولمىسا مەن ھاڭغا چۈشىدىغانلاردەك بولىمەن. 7
مېھىر-مۇھەببىتىڭنى تاڭ سەھەردە ئاڭلاتقايسەن؛ چۈنكى تايانغىنىم سەن؛ مېڭىشىم كېرەك بولغان يولنى ماڭا بىلدۈرگەيسەن؛ چۈنكى جېنىم ساڭا تەلمۈرۈپ قارايدۇ؛ 8
مېنى قۇتۇلدۇرغايسەن، ئى پەرۋەردىگار، دۈشمەنلىرىمدىن؛ باشپاناھ ئىزدەپ سېنىڭ يېنىڭغا قاچىمەن. 9
ئۆز ئىرادەڭگە ئەمەل قىلىشىمقا مېنى ئۆگەتكەيسەن؛ چۈنكى سەن مېنىڭ خۇدايىمدۇرسەن؛ سېنىڭ مېھرىبان روھىڭ مېنى تۈپتۈز زېمىندا يېتەكلىگەي؛ 10
ئۆز نام-شۆھرىتىڭ ئۈچۈن مېنى جانلاندۇرغايسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ ئۆز ھەققانىيىتىڭدە جېنىمنى ئاۋارىچىلىكتىن ئازاد قىلغايسەن. 11
ھەم مېھىر-شەپقىتىڭدە دۈشمەنلىرىمنى ئۈزۈپ تاشلىۋەتكەيسەن؛ جېنىمنى خار قىلغانلارنىڭ ھەممىسىنى ھالاك قىلغايسەن؛ چۈنكى مەن سېنىڭ قۇلۇڭدۇرمەن. 12

< زەبۇر 143 >