< زەبۇر 142 >

داۋۇت غاردا يوشۇرۇنۇپ تۇرغان ۋاقىتتا يازغان «ماسقىل»: ــ مەن پەرۋەردىگارغا ئاۋازىمنى ئاڭلىتىپ نالە-پەرياد كۆتۈرىمەن؛ پەرۋەردىگارغا ئاۋازىم بىلەن يېلىنىمەن؛ 1
ئۇنىڭ ئالدىدا داد-زارلىرىمنى تۆكىمەن؛ ئۇنىڭغا ئاۋارىچىلىكىمنى ئېيتىمەن. 2
روھىم ئىچىمدە تۈگىشەي دەپ قالغاندا، شۇ چاغدا باسقان يولۇمنى بىلگەنسەن؛ مەن ماڭغان يولدا ئۇلار ماڭا قىلتاق سالدى. 3
ئوڭ يېنىمغا قاراپ باققايسەن؛ ئەتراپىمدا مېنى تونۇيدىغان ئادەم يوقتۇر؛ پاناھگاھ يوقاپ كەتتى؛ ھېچ ئادەم جېنىمغا كۆيۈنمەيدۇ. 4
مەن ساڭا پەرياد كۆتۈردۈم، ئى پەرۋەردىگار؛ ساڭا: «سەن مېنىڭ باشپاناھىمسەن، تىرىكلەرنىڭ زېمىنىدا بولغان نېسىۋەمدۇرسەن» ــ دېدىم. 5
مېنىڭ پەريادىمغا قۇلاق سالغايسەن؛ چۈنكى مەن ئىنتايىن خاراب ئەھۋالغا چۈشۈرۈلدۇم؛ مېنى قوغلىغۇچىلىرىمدىن قۇتۇلدۇرغايسەن؛ چۈنكى ئۇلار مەندىن كۈچلۈكتۇر. 6
سېنىڭ نامىڭنى تەبرىكلىشىم ئۈچۈن، جېنىمنى تۈرمىدىن چىقارغايسەن؛ ھەققانىيلار ئەتراپىمدا ئولىشىدۇ؛ چۈنكى سەن ماڭا زور مېھرىبانلىق كۆرسىتىسەن. 7

< زەبۇر 142 >