< زەبۇر 142 >
داۋۇت غاردا يوشۇرۇنۇپ تۇرغان ۋاقىتتا يازغان «ماسقىل»: ــ مەن پەرۋەردىگارغا ئاۋازىمنى ئاڭلىتىپ نالە-پەرياد كۆتۈرىمەن؛ پەرۋەردىگارغا ئاۋازىم بىلەن يېلىنىمەن؛ | 1 |
Dawid de. Bere a na ɔwɔ ɔbodan mu no. Mpaebɔ. Meteɛ mu su frɛ Awurade; mema me nne so su frɛ Awurade sɛ onhu me mmɔbɔ.
ئۇنىڭ ئالدىدا داد-زارلىرىمنى تۆكىمەن؛ ئۇنىڭغا ئاۋارىچىلىكىمنى ئېيتىمەن. | 2 |
Mihwie mʼahiasɛm gu nʼanim; meka me haw kyerɛ no.
روھىم ئىچىمدە تۈگىشەي دەپ قالغاندا، شۇ چاغدا باسقان يولۇمنى بىلگەنسەن؛ مەن ماڭغان يولدا ئۇلار ماڭا قىلتاق سالدى. | 3 |
Sɛ me kra tɔ beraw wɔ me mu a, ɛyɛ wo na wunim me kwan. Ɔkwan a menam so no nnipa asum me afiri.
ئوڭ يېنىمغا قاراپ باققايسەن؛ ئەتراپىمدا مېنى تونۇيدىغان ئادەم يوقتۇر؛ پاناھگاھ يوقاپ كەتتى؛ ھېچ ئادەم جېنىمغا كۆيۈنمەيدۇ. | 4 |
Hwɛ na hu, obiara nni me nifa so; mʼasɛm mfa obiara ho; minni guankɔbea bi; me nkwa mfa obiara ho.
مەن ساڭا پەرياد كۆتۈردۈم، ئى پەرۋەردىگار؛ ساڭا: «سەن مېنىڭ باشپاناھىمسەن، تىرىكلەرنىڭ زېمىنىدا بولغان نېسىۋەمدۇرسەن» ــ دېدىم. | 5 |
Awurade, misu frɛ wo; mise, “Wone me guankɔbea, me kyɛfa wɔ ateasefo asase so.”
مېنىڭ پەريادىمغا قۇلاق سالغايسەن؛ چۈنكى مەن ئىنتايىن خاراب ئەھۋالغا چۈشۈرۈلدۇم؛ مېنى قوغلىغۇچىلىرىمدىن قۇتۇلدۇرغايسەن؛ چۈنكى ئۇلار مەندىن كۈچلۈكتۇر. | 6 |
Tie me sufrɛ, na mewɔ ahohia kɛse mu; gye me fi mʼataafo nsam, efisɛ wɔn ho yɛ den sen me.
سېنىڭ نامىڭنى تەبرىكلىشىم ئۈچۈن، جېنىمنى تۈرمىدىن چىقارغايسەن؛ ھەققانىيلار ئەتراپىمدا ئولىشىدۇ؛ چۈنكى سەن ماڭا زور مېھرىبانلىق كۆرسىتىسەن. | 7 |
Yi me fi mʼafiase, na makamfo wo din. Afei atreneefo betwa me ho ahyia esiane wo papa a woayɛ me no nti.