< زەبۇر 140 >

نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ رەزىل ئادەمدىن، ئى پەرۋەردىگار، مېنى ئازاد قىلغايسەن؛ زوراۋان كىشىدىن مېنى ساقلىغايسەن. 1
ئۇلار كۆڭلىدە يامانلىقلارنى ئويلىماقتا؛ ئۇلار ھەر كۈنى جەم بولۇشۇپ ئۇرۇش چىقارماقچى. 2
تىلىنى يىلاننىڭكىدەك ئىتتىك قىلىدۇ؛ كوبرا يىلاننىڭ زەھىرى لەۋلىرى ئاستىدا تۇرىدۇ؛ سېلاھ. 3
رەزىل ئادەمنىڭ قوللىرىدىن مېنى ئامان قىلىغايسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ پۇتلىرىمنى پۇتلاشنى قەستلەيدىغان زوراۋان كىشىدىن ساقلىغايسەن. 4
تەكەببۇرلار مەن ئۈچۈن قىلتاق، تانىلارنى يوشۇرۇپ تەييارلىدى؛ يول بويىدا تور يايدى، مەن ئۈچۈن تۇزاقلارنى سالدى؛ سېلاھ. 5
مەن پەرۋەردىگارغا: «سەن مېنىڭ تەڭرىمدۇرسەن» ــ دېدىم؛ يېلىنىشلىرىم ساداسىغا قۇلاق سالغايسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ 6
پەرۋەردىگار رەب نىجاتلىقىمنىڭ كۈچىدۇر؛ سەن جەڭ كۈنىدە بېشىمنى يېپىپ قوغدىغانسەن. 7
رەزىل ئادەمنىڭ ئۈمىدىنى ئىجابەت قىلمىغايسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ ئۇلارنىڭ ھىيلىلىرىنى ئاققۇزمىغايسەن؛ بولمىسا ئۆزلىرىنى چوڭ تۇتۇۋالىدۇ. سېلاھ. 8
مېنى قورشىۋالغانلارنىڭ بولسا، لەۋلىرىدىن چىققان شۇملۇق ئۇلارنىڭ ئۆز بېشىغا چۈشسۇن؛ 9
ئۈستىگە چوغلار ياغدۇرۇلسۇن؛ ئۇلار ئوتقا، قايتىدىن چىقالمىغۇدەك ھاڭلارغا تاشلىۋېتىلسۇن؛ 10
تىلى چېقىمچى ئادەمنىڭ يەر يۈزىدە ئورنى بولمىسۇن؛ بالايىئاپەت زوراۋانلارنى تۈگەشكۈچە ئوۋلايدۇ؛ 11
مەن بىلىمەنكى، پەرۋەردىگار ئېزىلگەنلەرنىڭ دەۋاسىنى سورايدۇ، يوقسۇلنىڭ ھەققىنى ئېلىپ بېرىدۇ؛ 12
بەرھەق، ھەققانىيلار نامىڭغا تەشەككۈر ئېيتىدۇ؛ كۆڭلى دۇرۇسلار ھۇزۇرۇڭدا ياشايدۇ. 13

< زەبۇر 140 >