< زەبۇر 138 >

داۋۇت يازغان كۈي: ــ پۈتۈن قەلبىم بىلەن ساڭا تەشەككۈر ئېيتىمەن؛ بارلىق ئىلاھلار ئالدىدا سېنى كۈيلەيمەن. 1
پاك-مۇقەددەسلىكىڭنىڭ ئىبادەتخانىسىغا قاراپ باش ئۇرىمەن، ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ ھەم ھەقىقەت-ساداقىتىڭ ئۈچۈن نامىڭنى تەبرىكلەيمەن؛ چۈنكى سەن پۈتۈن نام-شۆھرىتىڭدىنمۇ بەكرەك، ۋەدەڭدە تۇرىدىغىنىڭنى ئۇلۇغ قىلغانسەن. 2
ساڭا نىدا قىلغان كۈنىدە، ماڭا جاۋاب بەرگەنسەن؛ جېنىمغا كۈچ كىرگۈزۈپ، مېنى رىغبەتلەندۈرگەنسەن. 3
ئاغزىڭدىكى سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا، ئى پەرۋەردىگار، جاھاندىكى بارلىق شاھلار سېنى مەدھىيىلەيدۇ؛ 4
ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ يوللىرىدا يۈرۈپ ناخشا ئېيتىدۇ، چۈنكى ئۇلۇغدۇر پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى. 5
چۈنكى پەرۋەردىگار ئالىيدۇر؛ بىراق ئۇ ھالى بوشلارغا نەزەر سالىدۇ؛ تەكەببۇلارنى بولسا ئۇ يىراقتىن تونۇپ يېتىدۇ. 6
زۇلمەت-مۇشەققەتلەر ئارىسىدا ماڭغان بولساممۇ، سەن مېنى جانلاندۇرىسەن؛ دۈشمەنلىرىمنىڭ غەزىپىنى توسۇشقا قولۇڭنى ئۇزارتىسەن، ئوڭ قولۇڭ مېنى قۇتقۇزىدۇ. 7
پەرۋەردىگار ماڭا تەۋە ئىشلارنى پۈتكۈزىدۇ؛ مېھىر-مۇھەببىتىڭ، ئى پەرۋەردىگار، مەڭگۈلۈكتۇر؛ ئۆز قوللىرىڭ ياسىغاننى تاشلاپ كەتمىگەيسەن! 8

< زەبۇر 138 >