< زەبۇر 137 >

بابىلدىكى دەريا-ئېرىقلار بويىدا بىز ئولتۇردۇق؛ زىئوننى ئەسلىگىنىمىزدە، بەرھەق يىغا كۆتۈردۇق؛ 1
چىلتارىمىزنى ئارىسىدىكى سۆگەتلەرگە ئېسىپ قويدۇق. 2
چۈنكى بىزنى سۈرگۈن قىلغانلار بىزدىن ناخشا تەلەپ قىلدى؛ بىزنى زارلاتقۇچىلار بىزدىن تاماشا تەلەپ قىلىپ: ــ «ھەي، زىئون ناخشىلىرىدىن بىرنى بىزگە ئېيتقىنا» ــ دېيىشتى. 3
ياقا يۇرتتا تۇرۇپ پەرۋەردىگارنىڭ ناخشىسىنى قانداقمۇ ئېيتايلى؟ 4
ئەي يېرۇسالېم، مەن سېنى ئۇنتۇسام، ئوڭ قولۇم [ماھارىتىنى] ئۇنتۇسۇن! 5
سېنى ئەسلىمىسەم، ــ يېرۇسالېمنى ئەڭ چوڭ خۇرسەنلىكىمدىن ئەۋزەل كۆرمىسەم ــ تىلىم تاڭلايىمغا چاپلىشىپ قالسۇن! 6
ئى پەرۋەردىگار، ئېدوم بالىلىرىدىن ھېساب ئالغاندا، يېرۇسالېمنىڭ بېشىغا چۈشكەن كۈنىنى يادىڭغا كەلتۈرگەيسەن؛ چۈنكى ئۇلار: «ئۇنى يەر بىلەن يەكسان قىلىڭلار، ئۇلىغىچە يەر بىلەن يەكسان قىلىڭلار!» دېيىشتى. 7
ئى بۇلىنىش ئالدىدا تۇرغان بابىل قىزى، بىزگە قىلغان قىلمىشلىرىڭنى ئۆزۈڭگە قايتۇرغۇچى بەختلىكتۇر! 8
بوۋاقلىرىڭنى ئېلىپ تاشقا ئاتقۇچى كىشى بەختلىكتۇر! 9

< زەبۇر 137 >