< زەبۇر 135 >

ھەمدۇسانا! پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى مەدھىيىلەڭلار، ئۇنى مەدھىيىلەڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ قۇللىرى! 1
ئۇنى مەدھىيىلەڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە تۇرغانلار، خۇدايىمىزنىڭ ھويلىلىرىدا تۇرغانلار! 2
ياھنى مەدھىيىلەڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگار مېھرىباندۇر؛ ئۇنىڭ نامىغا كۈي ئېيتىڭلار؛ چۈنكى مۇشۇنداق قىلىش شېرىندۇر؛ 3
چۈنكى ياھ ياقۇپنى ئۆزىنىڭكى بولۇشقا، ئىسرائىلنى ئۆز مىراسى بولۇشقا تاللىۋالدى. 4
چۈنكى ئۆزۈم بىلىمەنكى، پەرۋەردىگار ئۇلۇغدۇر؛ رەببىمىز بارلىق ئىلاھلاردىن ئۈستۈندۇر. 5
پەرۋەردىگار نېمە ئىشنى مۇۋاپىق كۆرگەن بولسا، ئۇ ئاسمانلاردا، زېمىندا، دېڭىزلاردا ھەم ئۇنىڭ بارلىق تەگلىرىدىمۇ شۇنى قىلغاندۇر. 6
ئۇ يەر چەتلىرىدىن بۇلۇت-تۇمانلارنى ئۆرلىتىدۇ؛ يامغۇرلارغا چاقماقلارنى ھەمراھ قىلىدۇ؛ شامالنى ئۆز خەزىنىلىرىدىن چىقىرىدۇ. 7
ئۇ مىسىردىكى تۇنجى ئوغۇللارنى ھالاك قىلدى، ئىنسانلارنىڭ بولسۇن، ھايۋانلارنىڭ بولسۇن ھەممىنى ئۇرۇپ ھالاك قىلدى. 8
ئۇ ئالامەتلەرنى، مۆجىزىلەرنى ئاراڭلارغا ئەۋەتتى، ئى مىسىر؛ پىرەۋن ۋە ئۇنىڭ ھەممە قۇللىرى ئۈستىگە ئەۋەتتى. 9
ئۇ ئۇلۇغ ئەللەرنى ئۇرۇۋەتتى، قۇدرەتلىك پادىشاھلارنى ئۆلتۈرۈۋەتتى؛ 10
ئامورىيلارنىڭ پادىشاھى سىھوننى، باشاننىڭ پادىشاھى ئوگنى، قانائاندىكى بارلىق پادىشاھلىقلارنى ئۇرۇۋەتتى. 11
ئۇلارنىڭ زېمىنىنى مىراس قىلىپ، ئۆز خەلقى ئىسرائىلغا مىراس بولۇشقا تەقدىم قىلدى. 12
سېنىڭ نامىڭ، پەرۋەردىگار، مەڭگۈگە، شۆھرەت-خاتىرەڭ دەۋردىن-دەۋرگىچىدۇر. 13
چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنىڭ دەۋاسىنى سورايدۇ؛ ئۆز قۇللىرىغا رەھىم قىلىدۇ. 14
ئەللەرنىڭ بۇتلىرى بولسا پەقەتلا كۈمۈش-ئالتۇندىن ئىبارەتتۇر، ئۇلارنى ئىنساننىڭ قوللىرى ياسىغاندۇر، خالاس. 15
ئۇلارنىڭ ئاغزى بار، بىراق سۆزلىمەيدۇ؛ كۆزلىرى بار، بىراق كۆرمەيدۇ؛ 16
قۇلاقلىرى بار، بىراق ئاڭلىمايدۇ، ئاغزىدا ھېچ نەپەس يوقتۇر. 17
ئۇلارنى ياسىغانلار ئۇلارغا ئوخشاپ قالىدۇ، ئۇلارغا تايانغانلارمۇ شۇنداقتۇر. 18
ئىسرائىل جەمەتى، پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇڭلار؛ ھارۇن جەمەتى، پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇڭلار؛ 19
لاۋىي جەمەتى، پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇڭلار؛ پەرۋەردىگاردىن قورقىدىغانلار، پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇڭلار! 20
يېرۇسالېمدا ماكانلاشقان پەرۋەردىگارغا زىئوندىن تەشەككۈر-مەدھىيە ئېيتىلسۇن! ھەمدۇسانا! 21

< زەبۇر 135 >