< زەبۇر 134 >

«يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى» مانا، پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇڭلار، ئى، كېچىچە پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە تۇرىدىغان، پەرۋەردىگارنىڭ بارلىق قۇللىرى! 1
مۇقەددەس جايدا تۇرۇپ قوللىرىڭلارنى كۆتۈرۈپ پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇڭلار! 2
ئاسمان-زېمىننى ياراتقۇچى پەرۋەردىگار سىلەرنى زىئوندىن بەرىكەتلىگەي! 3

< زەبۇر 134 >