< زەبۇر 131 >

«يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى»؛ داۋۇت يازغان كۈي: ــ ئى پەرۋەردىگار، كۆڭلۈم تەكەببۇر ئەمەس، نەزىرىممۇ ئۈستۈن ئەمەس؛ مەن چوڭ ئىشلار بىلەنمۇ، ياكى چامىم يەتمەيدىغان كارامەت ئىشلار بىلەنمۇ مەشغۇل بولمايمەن؛ 1
بەرھەق، ئانىسىنىڭ قۇچىقىدا ياتقان ئەمچەكتىن ئايرىلغان بالىدەك، ئۆز جېنىمنى بېسىۋېلىپ تىنچلاندۇردۇم؛ كۆڭلۈم ئىچىمدە ئەمچەكتىن ئايرىلغان بالىدەكتۇر. 2
ئىسرائىل پەرۋەردىگارغا ئۈمىد باغلىسۇن؛ ھازىردىن باشلاپ، ئەبەدىلئەبەدگىچە! 3

< زەبۇر 131 >