< زەبۇر 130 >

«يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى» چوڭقۇر يەرلەردىن ساڭا پەرياد كۆتۈرىمەن، ئى پەرۋەردىگار؛ 1
ئى رەب، ئاۋازىمنى ئاڭلىغايسەن؛ قۇلاقلىرىڭنى يېلىنىش سادايىمغا سالغايسەن؛ 2
ئەگەر سەن ياھ، قەبىھلىكلەرنى سۈرۈشتۈرۈپ سانىساڭ، ئەمدى رەب، كىم تىك تۇرالايدۇ؟ 3
بىراق سەندە مەغپىرەت-كەچۈرۈم باردۇر؛ شۇڭا سەندىن ئەيمىنىشكە بولىدۇ. 4
پەرۋەردىگارنى كۈتۈۋاتىمەن؛ جېنىم كۈتۈۋاتىدۇ؛ ئۇنىڭ سۆزىگە ئۈمىد باغلىدىم. 5
تۈن جېسەكچىلىرىنىڭ سەھەرگە بولغان تەشناسىدىن ئارتۇق، بەرھەق، تۈن جېسەكچىلىرىنىڭ سەھەرگە بولغان تەشناسىدىن ئارتۇق، جېنىم رەبكە تەشنا بولۇپ كۈتمەكتە. 6
ئى ئىسرائىل، پەرۋەردىگارغا ئۈمىد باغلاڭلار؛ چۈنكى پەرۋەردىگاردا ئۆزگەرمەس مۇھەببەت باردۇر؛ ئۇنىڭدا زور نىجاتلىقلارمۇ بار؛ 7
ئۇ ئىسرائىلنى بارلىق قەبىھلىكلىرىدىن بەدەل تۆلەپ قۇتقۇزىدۇ. 8

< زەبۇر 130 >