< زەبۇر 129 >

«يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى» «ياشلىقىمدىن تارتىپ ئۇلار كۆپ قېتىم مېنى خار قىلىپ كەلدى» ــ ــ ئاھ، ئىسرائىل ھازىر بۇنى دېسۇن ــ 1
«ئۇلار ياشلىقىمدىن تارتىپ كۆپ قېتىم مېنى خار قىلىپ كەلدى، بىراق ئۈستۈمدىن غەلىبە قىلغان ئەمەس. 2
قوش ھەيدىگۈچىلەر دۈمبەمدە ھەيدىگەن، چۆنەكلىرىنى ئىنتايىن ئۇزۇن تارتقان». 3
پەرۋەردىگار ھەققانىيدۇر؛ ئۇ رەزىللەرنىڭ ئاسارەتلىرىنى سۇندۇرۇۋەتتى؛ 4
ئۇلار شەرمەندە بولۇپ ئارقىسىغا ياندۇرۇلسۇن، زىئوندىن نەپرەتلىنىدىغانلارنىڭ ھەممىسى! 5
ئۇلار ئۆگزىدە ئۈنۈپ چىققان چۆپتەك بولسۇن؛ ئۈزۈلمەي تۇرۇپلا سولىشىپ كېتىدىغان؛ 6
ئوت-چۆپ ئورىغۇچىغا ئۇنىڭدىن بىر تۇتاممۇ چىقمايدۇ؛ باغ باغلىغۇچىغا بىر قۇچاقمۇ چىقمايدۇ؛ 7
ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلارمۇ: «پەرۋەردىگارنىڭ بەرىكىتى ئۈستۈڭلاردا بولغاي؛ پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن سىلەرگە بەخت تىلەيمىز!» ــ دېگەن سالامنى ھېچ بەرمەيدۇ. 8

< زەبۇر 129 >