< زەبۇر 127 >

«يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى»؛ سۇلايمان يازغان كۈي: ــ پەرۋەردىگار ئۆزى ئۆي سالمىسا، سالغۇچىلار بىكاردىن-بىكار ئۇنىڭغا ئەجىر سىڭدۈرىدۇ؛ پەرۋەردىگار شەھەرنى ساقلىمىسا، كۆزەتچىلەر بىكاردىن-بىكار ئويغاق تۇرىدۇ. 1
سىلەرنىڭ سەھەردە ئورنۇڭلاردىن قوپۇشۇڭلار، كەچ بولغاندا يېتىشىڭلار، جاپا-مۇشەققەتنى ناندەك يېگىنىڭلار بىكاردىن-بىكاردۇر؛ چۈنكى ئۇ ئۆز سۆيگىنىگە ئۇيقۇنى بېرىدۇ. 2
مانا، بالىلار پەرۋەردىگاردىن بولغان مىراستۇر، بالىياتقۇنىڭ مېۋىسى ئۇنىڭ مۇكاپاتىدۇر؛ 3
ياشلىقتا تاپقان بالىلار، باتۇرنىڭ قولىدىكى ئوقلاردەك بولىدۇ. 4
ئوقدېنى مۇشۇلار بىلەن تولغان ئادەم بەختلىكتۇر؛ [شەھەر] دەرۋازىسىدا تۇرۇپ دۈشمەنلەر بىلەن سۆزلىشىۋاتقىنىدا، ئۇلار يەرگە قاراپ قالمايدۇ. 5

< زەبۇر 127 >