< زەبۇر 126 >

«يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى» پەرۋەردىگار زىئوندىن سۈرگۈن بولغانلارنى قايتۇرۇپ كەلگەندە، بىز چۈش كۆرگەندەكلا بولدۇق؛ 1
ئاغزىمىز كۈلكىگە، تىلىمىز شادلىنىشقا تولدى؛ شۇ تاپتا ئەللەر ئارىسىدا ئۇلار: ــ «پەرۋەردىگار ئۇلارغا زور ئىشلارنى قىلىپ بەردى» ــ دېيىشتى. 2
پەرۋەردىگار دەرۋەقە بىز ئۈچۈن زور ئىشلارنى قىلدى، بىز بۇلاردىن شادلىنىمىز. 3
جەنۇبتىكى قۇرۇق ئېرىقلار [شار-شار سۇلارغا] ئايلاندۇرۇلغاندەك، بىز تۇتقۇنلارنىمۇ ئۆز ئەركىمىزگە قايتۇرغايسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ 4
كۆز ياشلىرىنى ئېقىتىپ تېرىغانلار شادلىق بىلەن ئورار؛ 5
يىغلاپ يۈرۈپ چاچىدىغان ئۇرۇقنى كۆتۈرگەن كىشى، بەرھەق، شادلىق-تەنتەنە بىلەن ئورىغان باغلىرىنى كۆتۈرۈپ قايتىپ كېلىدۇ. 6

< زەبۇر 126 >