< زەبۇر 125 >

«يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى» پەرۋەردىگارغا تايانغانلار زىئون تېغىدەكتۇر؛ ئۇنى تەۋرەتكىلى بولمايدۇ، ئۇ مەڭگۈلۈك تۇرىدۇ. 1
يېرۇسالېم! تاغلار ئۇنىڭ ئەتراپىنى ئورۇغان، ھەم پەرۋەردىگار ھازىردىن تا ئەبەدگىچە ئۆز خەلقىنىڭ ئەتراپىنى ئورايدۇ. 2
چۈنكى رەزىللەرنىڭ ھوقۇق ھاسىسى ھەققانىيلارنىڭ نېسىۋىسىنى باشقۇرمايدۇ؛ بولمىسا ھەققانىيلارمۇ قوللىرىنى قەبىھلىككە ئۇزارتىشى مۇمكىن. 3
پەرۋەردىگار، مېھرىبانلارغا مېھرىبانلىق قىلغايسەن؛ كۆڭلى دۇرۇسلارغىمۇ شۇنداق بولسۇن. 4
بىراق ئەگرى يوللارغا بۇرۇلۇپ كەتكەنلەرنى بولسا، پەرۋەردىگار ئۇلارنى قەبىھلىك قىلغۇچىلار بىلەن تەڭ شاللايدۇ. ئىسرائىلغا ئامان-خاتىرجەملىك بولغاي! 5

< زەبۇر 125 >