< زەبۇر 123 >

«يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى» ئى ئەرشلەردە تۇرغۇچىسەن، ساڭا بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارايمەن؛ 1
مانا، قۇللىرىڭنىڭ كۆزى ئۆز خوجايىنىنىڭ قوللىرىغا قانداق قارىغان بولسا، دېدەكلەرنىڭ كۆزى ئۆز ساھىبەسىنىڭ قوللىرىغا قانداق قارىغان بولسا، بىزنىڭ كۆزىمىز پەرۋەردىگار خۇدايىمىزغا شۇنداق قارايدۇ. تا بىزگە شەپقەت كۆرسەتكۈچە قارايدۇ. 2
بىزگە شەپقەت كۆرگۈزگەيسەن، ئى پەرۋەردىگار، بىزگە شەپقەت كۆرگۈزگەيسەن؛ چۈنكى بىز يەتكۈچە خورلۇق تارتقانمىز. 3
جېنىمىز غوجاملارنىڭ مازاقلىرىنى، ھاكاۋۇرلارنىڭ خورلۇقلىرىنى يەتكۈچە تارتقاندۇر. 4

< زەبۇر 123 >