< زەبۇر 122 >

«يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى» ئۇلار ماڭا: «پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە چىقايلى» ــ دېگىنىدە، شادلاندىم. 1
پۇتلىرىمىز دەرۋازىلىرىڭ ئىچىدە تۇرۇشقا نېسىپ بولدى، ئى يېرۇسالېم! 2
ئى يېرۇسالېم، سەن جىپسىلاشتۇرۇلۇپ رەتلىك سېلىنغان بىر شەھەردۇرسەن؛ 3
قەبىلىلەر ئۇ يەرگە چىقىدۇ، ياھنىڭ قەبىلىلىرى چىقىدۇ؛ ئىسرائىلغا بېرىلگەن كۆرسەتمە بويىچە، پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا تەشەككۈر ئېيتىش ئۈچۈن چىقىدۇ. 4
چۈنكى ئۇ يەردە ھۆكۈم چىقىرىشقا تەختلەر سېلىندى، داۋۇتنىڭ جەمەتىدىكىلەرگە تەختلەر سېلىندى. 5
يېرۇسالېمنىڭ ئامان-خاتىرجەملىكىنى ئىزدەپ دۇئا قىلىڭلار؛ سېنى سۆيگەنلەر روناق تاپىدۇ. 6
ئىستىھكاملىرىڭ ئىچىدە ئامان-خاتىرجەملىك بولسۇن، ئوردىلىرىڭ ئىچىدە ئاۋات-ئاراملىق بولسۇن! 7
قېرىنداشلىرىم ھەم يار-بۇرادەرلىرىم ئۈچۈن، مەن: «ئامان-خاتىرجەملىك ئىچىڭدە بولسۇن» ــ دەيمەن. 8
پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ ئۆيى ئۈچۈن، سېنىڭ روناق تېپىشىڭغا ئىنتىلىمەن! 9

< زەبۇر 122 >