< زەبۇر 120 >
«يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى» بېشىمغا كۈن چۈشكەندە مەن پەرۋەردىگارغا نىدا قىلدىم؛ ئۇ ماڭا جاۋاب بەردى. | 1 |
Cantique des pèlerinages. J'ai invoqué l'Éternel dans ma détresse, Et il m'a exaucé.
ئى پەرۋەردىگار، جېنىمنى يالغان سۆزلەيدىغان لەۋلەردىن، ئالدامچى تىلدىن قۇتۇلدۇرغايسەن. | 2 |
Éternel, délivre mon âme des lèvres menteuses, De la langue perfide!
ساڭا نېمە بېرىلىدۇ، ساڭا نېمە قوشۇلۇشى كېرەك، ئەي ئالدامچى تىل؟ | 3 |
Quelle sera ta rétribution, Quel sera ton profit, langue perfide?
ــ پالۋان ئاتقان ئۆتكۈر ئوقلار، ئارچا چوغلىرى ساڭا تەگسۇن! | 4 |
— Les flèches aiguës du guerrier, Avec les charbons ardents du genêt! —
مەشەك دىيارىدا مۇساپىر بولۇپ ياشىغىنىمغا، كېدار چېدىرلىرى ئارىسىدا تۇرغىنىمغا ھالىمغا ۋاي! | 5 |
Malheureux que je suis, de séjourner dans Mésec, De demeurer sous les tentes de Kédar!
مەن تىنچلىققا ئۆچلەر ئارىسىدا ئۇزۇندىن بۇيان تۇرۇۋاتىمەن؛ | 6 |
Trop longtemps mon âme a demeuré Parmi ceux qui haïssent la paix.
مەن تىنچلىقپەرۋەرمەن؛ بىراق گەپ قىلسام، ئۇلار ئۇرۇشىمىزلا، دەيدۇ. | 7 |
Je veux la paix; mais, dès que j'ouvre la bouche, Ils veulent la guerre!