< زەبۇر 120 >

«يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى» بېشىمغا كۈن چۈشكەندە مەن پەرۋەردىگارغا نىدا قىلدىم؛ ئۇ ماڭا جاۋاب بەردى. 1
ئى پەرۋەردىگار، جېنىمنى يالغان سۆزلەيدىغان لەۋلەردىن، ئالدامچى تىلدىن قۇتۇلدۇرغايسەن. 2
ساڭا نېمە بېرىلىدۇ، ساڭا نېمە قوشۇلۇشى كېرەك، ئەي ئالدامچى تىل؟ 3
ــ پالۋان ئاتقان ئۆتكۈر ئوقلار، ئارچا چوغلىرى ساڭا تەگسۇن! 4
مەشەك دىيارىدا مۇساپىر بولۇپ ياشىغىنىمغا، كېدار چېدىرلىرى ئارىسىدا تۇرغىنىمغا ھالىمغا ۋاي! 5
مەن تىنچلىققا ئۆچلەر ئارىسىدا ئۇزۇندىن بۇيان تۇرۇۋاتىمەن؛ 6
مەن تىنچلىقپەرۋەرمەن؛ بىراق گەپ قىلسام، ئۇلار ئۇرۇشىمىزلا، دەيدۇ. 7

< زەبۇر 120 >