< زەبۇر 12 >

نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، شېمىنىت بىلەن ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ قۇتقۇزغايسەن، پەرۋەردىگار، چۈنكى ئىخلاسمەن ئادەم تۈگەپ كەتتى؛ ئادەملەر ئارىسىدىن سادىق مۆمىنلەر غايىپ بولدى. 1
ھەربىرسى ئۆز يېقىنلىرىغا يالغان ئېيتىدۇ؛ خۇشامەتچى لەۋلەردە، ئالىكۆڭۈللۈك بىلەن سۆزلىشىدۇ. 2
پەرۋەردىگار بارلىق خۇشامەتچى لەۋلەرنى، ھاكاۋۇرلارچە سۆزلەيدىغان تىلنى كېسىۋەتكەي! 3
ئۇلار: «تىلىمىز بىلەن غەلىبە قىلىمىز؛ لەۋلىرىمىز بولسا ئۆزىمىزنىڭكىدۇر؛ كىم بىزگە رەب بولالىسۇن؟» ــ دەيدۇ. 4
«ئېزىلگۈچى ئاجىزلارنى باسقان زۇلۇم ۋەجىدىن، مىسكىنلەرنىڭ ئاھۇزارلىرى ۋەجىدىن، ھازىرلا ئورنۇمدىن تۇراي» ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، «مەن ئۇلارغا، ئۇلار زارىقىپ كۈتكەن ئازادلىقنى يەتكۈزىمەن». 5
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرى بولسا ساپ سۆزلەردۇر؛ ئۇلار يەتتە قېتىم ساپلاشتۇرۇلغان، ساپال قازاندا تاۋلانغان كۈمۈشتەكتۇر. 6
سەن پەرۋەردىگار، ئۇلارنى ساقلايسەن؛ سەن [مۆمىنلەرنى] مۇشۇ دەۋردىن مەڭگۈگە قوغدايسەن؛ 7
[چۈنكى] رەزىل ئادەملەر ھەرياندا غادىيىپ يۈرۈشىدۇ، پەسكەشلىك ئىنسان بالىلىرى ئارىسىدا ئالىيجانابلىق دەپ ماختالماقتا! 8

< زەبۇر 12 >