< زەبۇر 114 >

ئىسرائىل مىسىردىن، ياقۇپ جەمەتى يات تىللىق ئەللەردىن چىققاندا، 1
شۇ چاغدا يەھۇدا [خۇدانىڭ] مۇقەددەس جايى، ئىسرائىل ئۇنىڭ سەلتىنىتى بولدى، 2
دېڭىز بۇنى كۆرۈپ بەدەر قاچتى، ئىئوردان دەرياسى كەينىگە ياندى؛ 3
تاغلار قوچقارلاردەك، دۆڭلەر قوزىلاردەك ئويناقلىدى. 4
ئەي دېڭىز، سەن نېمە بولدۇڭ، قاچقىلى؟ ئىئوردان دەرياسى، يولۇڭدىن يانغىلى؟ 5
تاغلار قوچقارلاردەك، دۆڭلەر قوزىلاردەك ئويناقلىغىلى؟ 6
ئى يەر يۈزى، رەبنىڭ جامالىدىن، ياقۇپنىڭ خۇداسىنىڭ جامالىدىن تەۋرەن؛ 7
ئۇ قورام تاشنى كۆلچەككە، چاقماق تېشىنى مول بۇلاق سۇلىرىغا ئايلاندۇرىدۇ. 8

< زەبۇر 114 >